يېقىندا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، 'ھۆر شەرقىي تۈركىستان' ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يېزىلغان 18 پارچە ئىلمىي ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەر توپلىمىدىن، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەتنىڭ 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئەكس ئېتىشى ۋە تەتۈر تەشۋىقات مەسىلىسى' دېگەن تېمىدا يازغان ماقالىسىدىن ئارىيە تەقدىم قىلىمىز.
بۇ ماقالىدە ئاساسلىقى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن خاتا سىياسەتلىرىنى خەلققە توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ۋە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قايسى دەرىجىدە چەكلىمە قويغانلىقى دەلىل ئىسپات بىلەن ئېچىپ تاشلانغان.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: دۇنيادىكى پۈتكۈل ئاممىۋىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ كەسپىي ۋە ئەخلاقىي رولى مەلۇمات بېرىش ۋە خەۋەر تارقىتىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، قاچانىكى بۇ فۇنكىسىيە مەلۇمات ۋە خەۋەر تارقىتىشتىن شەكىل بېرىش ۋە مەلۇم تەرەپكە يۈزلەندۈرۈلۈشكە باشلىسا، ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھەم كەسپىي، ھەم ئەخلاقىي رولىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ، شەخس ۋە جەمئىيەتلەرنى مەلۇم تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن يالغان مەلۇمات ۋە خەۋەر تارقىتىش (تەتۈر تەشۋىقات)، بىر ئاممىۋىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەكمۇ خاتا ۋە ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.
ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقات قىلىشتا يالغانچىلىقنى يوشۇرۇش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي جۇمھۇرىيىتى 61 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى يوللۇق كۆرسىتىش ۋە (ئۆزىنىڭ) ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولغان 56 قاناللىق ككتۋ ۋە باشقا مەركىزىي ۋە يەرلىك مىڭلىغان تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلق ئاممىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىيىتى ھەققىدە قايىل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا خىتاي خەلقى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز زېمىنى دەپ بىلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 5 ئىيۇل ۋەقەسى جەريانىدا نامايىشقا چىققان خىتايلار: "ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن يوقالسۇن، تۈركىيىگە كەتسۇن!" دەپ شۇئار توۋلاشتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتىنى بەكمۇ ئۈنۈملۈك بولدى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىرنى قارىلاپ، بۇ ۋەقەنى رابىيە قادىرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا دائىر دەلىل بارلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۆزى قىلغان قەتلىئامنى يوللۇق كۆرسەتكىدەك ھېچقانداق دەلىل ئىسپات ئوتتۇرىغا قويالمىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ بەزى دوكلات ۋە باياناتلىرىدا يېتەرلىك دەلىل يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ساختا مەلۇماتلىرى خىتاي ۋە دۇنيا خەلقىدە چوڭقۇر ئەكىس تەسىر پەيدا قىلدى. ھېلىمۇ ھەم نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقراسى " خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ قىلغىنى ھەقلىق، چۈنكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالدى" دەپ قارىماقتا. 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، يوشۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ھەقىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتتا بەكمۇ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىق بىلەن تولۇپ كەتكەن تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ خەلققە ئومۇميۈزلۈك يېيىلىشى ئۈچۈن ۋاسىتىلىك رول ئوينىدى.
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان ككتۋ قانىلىدىن سىرت، خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى (China Daily News)، خەلق گېزىتى(人民日报)، نۇر گېزىتى(光明日报) قاتارلىق گېزىتلەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بوھتانلىرىنى قايتا قايتا ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى جىنايەتچى دەپ قارىلاشتىن قىلچە تەپ تارتمىدى. بۇلارنىڭ ئەڭ ۋەھىملىقى ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە "تېررورچى" قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئىدى.
ماقالىدە يەنە، تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ خىتايدا دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي ھاكىمىيىتى بارلىق ئورگانلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ قۇرغاچقا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى (خ ك پ) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنى قۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى بولۇپ، 1931 يىل 11 ئاينىڭ 7 كۈنى قۇرۇلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەتئەللەردە 120 دۆلەتتە، مەملىكەت ئىچىدە 33 رايون ۋە ئۆلكىدە، ئۇنىڭدىن سىرت ھەربىي رايونلاردا شۆبىسى بار. خىتاينىڭ ئۆتكەن يىللىق مەلۇماتىغا كۆرە، ھازىر خىتايدا نەشر قىلىنىۋاتقان خەلقئارالىق، دۆلەتلىك، ئۆلكىلىك ۋە شەھەرلىك گېزىتلەرنىڭ سانى 1938؛ ھەپتىلىك ژۇرنال سانى 9468؛ تارقىتىش بېرىۋاتقان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 296 بولۇپ، رادىئو ئىستانسىسىنىڭ سانى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سانىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بۇنچىۋالا كەڭ كۆلەمدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچۇر ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرلا رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى ۋە كونترول قىلىنىشى ھەرقانداق كىشىنىڭ كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلىدۇ.
ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاينىڭ قورچاق رەئىسى نۇر بەكرى 6 ئىيۇل كۈنىدىكى تېلېۋىزىيە باياناتىدا، بۇ ۋەقەنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شياۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق فابرىكىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر خىتاي ئىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. نۇر بەكرى سۆزىدە يەنە، رابىيە قادىرنىڭ 5 ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلىپ، كىشىلەرنى ۋەقە چىقىرىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئېيتتى. خىتاي ئاخباراتلىرى خەلقئارا ئاخباراتىغا ئەڭ دەسلەپتە مۇشۇ باياناتلارنى يوللىدى. لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ قانداق باشلانغانلىقى ۋە خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانداق باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. رابىيە قادىر خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1980 يىللىرى يولغا قويۇلغان "(ئاخباراتتا) ئوچۇق ئاشكارا بولۇش قارارى" سايىسىدە چەتئەللەرگە ئاشكارىلىنىپ قېلىشقا ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. خىتاي ئاخباراتى بولسا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ قېرىنداشلارچە خۇشال خۇرام، راھەت پاراغەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ ئەھۋالدىن بىئارام بولۇپ، خەلقنى كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەتتا ھەددىدىن تېخىمۇ ئېشىپ، رابىيە قادىرنىڭ ئۆز ئىنىسى مۇھەممەد قادىرغا تېلېفون قىلىپ، 5 ئىيۇل ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى يازدى. خىتاي ئاخباراتى "ھەقىقىي ئەھۋالنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئەكس ئەتتۈرمەسلىك سىياسىتى"نى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قاتتىق ئىجرا قىلدى. بۇنىڭغا، 1997 يىل 2 ئاينىڭ 5 كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە مىسال بولالايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى كۈچلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قاراتقان تەتۈر تەشۋىقات سىياسىتىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىتى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشسا، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ چەكلىك ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.