بۇ راستىنلا يەنە بىر قېتىملىق ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ئۇلار قايتىدىن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلاشسا نېمە قىلالايدۇ؟ ئۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟
بۇ ئىككى پارتىيە قۇرۇلغاندىن تارتىپلا بىر - بىرىگە قىرغىنچىلىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى ليۇ شاۋجۇ ئەپەندىنىڭ 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، بۇ ئىككى پارتىيە، سەككىز يىللىق ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە ئۆز -ئارا ئۇرۇشمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تا قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بىر - بىرىگە قىرغىنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
دەسلەپتە، - دەيدۇ ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى ماقالىسىدە،- مىللەتچى پارتىيە 'ئون ئىككىنچى ئاپرىل ۋەقەسى'دىن باشلاپ كوممۇنىست پارتىيىنى تازىلاشقا كىرىشكەن، قىرغان ئىدى. بۇ جەرياندا تۆكۈلگەن قان خىتاي زېمىنىدا دەريا بولۇپ ئاقتى. كېيىن، كوممۇنىست پارتىيە 'ئۈچكە قارشى تۇرۇش'، 'بەشكە قارشى تۇرۇش' دېگەن ھەرىكەتتىن باشلاپ تا 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' غىچە پۈتۈنلەي مىللەتچى پارتىيىنى تازىلىدى، قىردى. بۇ جەرياندىمۇ تۆكۈلگەن قان دەريا بولۇپ ئاقتى.
بۇ رىئال تارىخ. ئەمدى ھازىرقى ۋاقىتتا، بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تەبەسسۇمى ۋە كۆتۈرۈشكەن قەدەھلىرى تارىخنى يۇيۇۋېتەلەمدۇ؟ بۇ ئىككى پارتىيە پەقەت،- دەيدۇ ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى، - تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.
تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك
تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلىش دېگەن مەسىلىدە ليۇ شاۋجۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە (گوڭچەنداڭ) ئەسلىدىلا 'بىر پىلەكتە چۈشكەن ئىككى خەمەك' . ئۇلارنىڭ نىشانى دەسلەپتىلا خىتايدا خەلق ئىنقىلابى قوزغاشتىن ئىبارەت بولغان ئىدى. سۈن جۇڭسەن مەسلىكى 'تۆتىنچى ماي ھەرىكىتى' دىن كېيىن پارچىلىنىپ، بۇ ئىككى پارتىيە ئوخشىمىغان يولغا ماڭدى.
بىرى سۈن جۇڭسەننىڭ سەنمىنجۇيى مەسلىكىنى داۋاملاشتۇردى، يەنە بىرى كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى. 1949 - يىلىدىن كېيىن، بىرى مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە چېكىنىپ، يەنىلا شۇ مەسلەكنى داۋاملاشتۇرۇپ توغرا ئىقتىسادىي سىياسەت قوللىنىپ، ئاخىر تەيۋەن خەلقىنى ھازىرقىدەك ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىقتىن بەھرىمان قىلدى.
يەنە بىرى خاتا ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ھەتتا ستالىنىزمغا ئەگىشىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئاچارچىلىققا قويۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قالغان خەلقنى يەنە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ھەرىكەت ئارقىلىق ئازابلىدى. ھازىرغا قەدەر يەنىلا بىر پارتىيە مۇستەبىتلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنى سىياسىي قالاقلىقتا تۇرتىۋاتىدۇ. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىت.
قولغا كەلگەن نەتىجىنى قەدىرلەش ئۈچۈن توسالغۇنى تۈگىتىش كېرەك
ھازىرقى رىئاللىقنى قانداق قەدىرلەش كېرەك دېگەن مەسىلىدە ليۇ شاۋجۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش- ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشمۇ ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. ئىككى قىرغاقنىڭ ھازىرقىدەك تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشقا يۈزلىنىشىمۇ ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس.
ھازىر تەيۋەن خەلقى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئەركىن چۈشىنىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە، لېكىن چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقى بۇنداق ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەس، ھازىر بۇ توسالغۇنى يوق قىلغاندا ئاندىن ھەر ئىككى تەرەپ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.
ھازىر بۇ ئىككى پارتىيە 'قونداقتىن چۈشۈۋالىدىغان پەلەمپەي' ئىزدەۋاتىدۇ
كەلگۈسىگە يۈزلىنىش قانداق بولۇشى كېرەك دېگەن مەسىلىدە ليۇ شاۋجۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سۈن جۇڭسەن قۇرغان جۇمھۇرىيەتنى يوق قىلىپ، ئۆزى بىر كوممۇنىزم ھاكىمىيىتى قۇرغانلىقى بىر تارىخىي خاتالىق. كوممۇنىست پارتىيە بۇ خاتا يولدىن چىقالماي ئاخىرى يەنە ' كوممۇنىزم قۇرۇش' دېگەن شۇئارىنى 'شاۋكاڭ جەمئىيىتى قۇرۇش' يەنى بىر ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش دېگەن شۇئارغا ئۆزگەرتىپ باقتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ شۇئارى يەنىلا دېڭ شاۋپىڭنىڭ 'ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك' سىياسىتى بىلەن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.
ئەمدى مۇشۇ كۈنگە كەلگەندە، بۇ ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن 'قونداقتىن چۈشۈۋالىدىغان پەلەمپەي' ئىزدەۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلالسا، مىللەتچى پارتىيە تەيۋەندىكى ھازىرقى دېموكراتىيىنى چوڭ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ كېلەلىسە، كوممۇنىست پارتىيە مۇستەبىتلىكتىن ۋاز كەچسە، ئاندىن ھەر ئىككىسى قايتىدىن تېرىلىپ قوپالىىشى مۇمكىن.
تەيۋەندىكى دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى يەنىلا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى بىر مۇھىم كۈچ
مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا بېيجىڭدا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لارى ئەپەندىنىڭ، تەيۋەندىكى سايلامنى كۆزەتكەندىن كېيىن ۋە يېقىندا چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ھامان، تەيۋەندە يېڭىدىن پرېزىدېنت بولغان ما يىڭجيۇ ئەپەندى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىش جەھەتتە سەمىمىيلىك ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئىككى قىرغاقتىكى ئىككى پارتىيە رەئىسلىرى قەدەھ كۆتۈرۈشتى.
ئەمما بۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەقەت ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا باردى- كەلدى كۆپىيىشى مۇمكىن، خالاس. چۈنكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەيۋەننى قارىغا ئېلىپ تىكلەپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى تېخىچە ئېلىپ تاشلانغىنى يوق.
لارى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە، تەيۋەندىكى دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى يەنىلا بىر مۇھىم كۈچ. ئەمما ئۇنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك، ئاز دېگەندە يەنە بىر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى كېرەك. شۇنداقتىمۇ، ھازىرقى شارائىتتا مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھازىرقى قەدەملىرى بىلەن ئۇزۇن مۇساپىگە يېتىپ بارالمايدۇ.