'خىتاي ئىقتىساد ئارقىلىق تەيۋەننى ئۆزىگە تارتىش سىياسىتىنى تەكرار قوللىنىۋاتىدۇ'

بۈگۈن خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا "ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇلما كېلىشىمى" ئىمزالاندى. ئەمما كېلىشىمگە دائىر تالاش - تارتىشلار تېخى ئاياغلاشقىنى يوق. تەيۋەندىكى ئۆكتىچى زاتلار بۇ كېلىشىمنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەكتە.

0:00 / 0:00

بۈگۈن تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا "ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇلما كېلىشىمى" ئىمزالاندى. بۇ ئىككى قىرغاق ئارىسىدا 60 يىلدىن بېرى ئىمزالانغان ئەڭ مۇھىم كېلىشىم ھېسابلىنىدىكەن. كېلىشىم بويىچە تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە 800 خىل مال تۈرى بويىچە ئىككى يىل ئىچىدە باسقۇچلۇق ھالدا چېگرا بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بويىچىمۇ كېلىشىم ئىمزالىغان.

تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تىجارىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان ۋە تۈرلۈك تىجارىي رەسمىيەتلەر ئاسانلاشتۇرۇلىدىغان مەزكۇر كېلىشىم ئىمزالىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا تەيۋەننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە زور تالاش - تارتىشلارغا سەۋەب بولدى. نەچچە مىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، كېلىشىمگە نارازىلىق بىلدۈردى. ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى كېلىشىمنىڭ تەيۋەننىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى، تەيۋەن خەلقىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، بۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەر بۇنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بىرلىك ئارقىلىق سىياسىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى، مائارىپىنى ۋە تېخنولوگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ تەبىئىي ھالدا ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنى ساتىدىغان بازارغا ئېھتىياجى بولىدۇ. خىتاي تەيۋەن ئۈچۈن ھەم ناھايىتى ياخشى بىر بازار، ھەم ماللىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىدىغان بىر كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ كېلىشىمنى تەيۋەنگە پايدا ئەكىلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇ كېلىشىمنىڭ پايدىلىق تەرىپى بىلەن بىرلىكتە مەنپىي تەرىپىنىڭمۇ بارلىقىنى، يەنى ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاينىڭ تەيۋەندىكى سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇۋېتىش ئېھتىمالىمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر كېلىشىم رەسمىي يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تەيۋەن پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك بولۇپ، تەيۋەن پارلامېنتىدا كېلىشىمنى ماقۇللاش ياكى رەت قىلىش ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولماقتا. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ كېلىشىم پارلامېنتتا ماقۇللىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

چۈنكى مەزكۇر كېلىشىم ئاساسلىق تەيۋەندىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك سەۋىيىلىك كارخانىلارغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ سايلامدىكى ئاۋاز سانى كۆپ بولغانلىقتىن ھەر قايسى پارتىيىلەرمۇ بۇ ئاۋازنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن كېلىشىمنى ماقۇللىشى مۇمكىن. يەنى تەيۋەندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىمۇ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىش ئۈچۈن كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىچىلارنىڭ ئاۋازىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن ئاۋاز سانىغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بۇ قاتلام كىشىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ئىش قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئىلگىرى دىڭ شياۋپىڭ يۈرگۈزگەندەك ئىقتىساد ئارقىلىق تەيۋەننى ئۆزىگە تارتىش سىياسىتىنى تەكرار قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.