خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ سىياسىي ئورنىنى قانداق بېكىتىش بۇيىچە تەيۋەندە يەنە جىددىي مۇنازىرە قوزغالدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ ئۆتكەن ھەپتىدە، ئۆزىنىڭ تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تەيۋەندە چوڭ نامايىش يۈز بەردى. نامايىشتا ما يىڭجۇنى'چوڭ قۇرۇقلۇققا تەسلىم بولدى' دەپ ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

شۇنىڭدىن كېيىن، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ ئۆزىنىڭ خىتاي-تەيۋەن مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ما يىڭجۇ ئەپەندى بۈگۈن 9 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى يەنە مېكسىكىدا چىقىدىغان 'قوياش گېزىتى'نىڭ مۇخبىرىغا تونۇشتۇردى.

'تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس'

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تەيۋەننىڭ سىياسىي ئورنىنى قانداق بېكىتىش مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنى مېكسىكىدا چىقىدىغان'قوياش گېزىتى'نىڭ مۇخبىرىغا تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت.

ما يىڭجۇ سۆزىدە يەنە 'بىز ھازىر 1992 ‏- يىلى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن كېلىشكەن 'بىرلىككە كەلتۈرمەسلىك، مۇستەقىل بولماسلىق، ئۆز-ئارا قورال ئىشلەتمەسلىك' دېگەن كېلىشىم بۇيىچە ئىش قىلىمىز'دېدى.

'چوڭ قۇرۇقلۇق جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر قىسمى'

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قانۇن تىكلەش كومىتېت ئەزاسى خوڭ شيۇجۇ 'جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسىي قانۇنى بۇيىچە، چوڭ قۇرۇقلۇق جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر قىسمى، ھازىرقى تەيۋەن قانۇنى بويىچىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ، تەيۋەنمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس' دېدى.

'قانۇن بۇيىچە، تەيۋەن رايونى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق رايونى دەپ ئاتىلىدۇ'

تەيۋەن قانۇن پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىڭپىڭ بولسا 'تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلقلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى 'تەيۋەن -چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋىتى قانۇنى بۇيىچە بېكىتىش كېرەك، بۇ قانۇن بۇيىچە تەيۋەن رايونى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق رايونى دەپ ئاتىلىدۇ' دېدى.

'دۆلىتىمىزنىڭ نامى جۇڭگو ئەمەس، تەيۋەن'

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ما يىڭجيۇ ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتىدە 'تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، 8 ‏- ئاينىڭ 30 كۈنى تەيۋەندە 40 مىڭدىن ئارتۇق غەزەپكە كەلگەن ئادەم پرېزىدېنت مەھكىمىسى ئەتراپىغا توپلىنىپ 'دۆلىتىمىزنىڭ نامى جۇڭگو ئەمەس، تەيۋەن' دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ، ما يىڭجيۇنى'چوڭ قۇرۇقلۇققا تەسلىم بولدى' دەپ سۆكتى ۋە 'ما يىڭجيۇنىڭ بېيجىڭغا ئېغىپ كېتىشى تەيۋەنگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ' دەپ قەيت قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ نامايىشتا يەنە، ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىدىن مال باھاسىنى مۇقىم قىلىشنى، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ۋە ئوچۇق-يورۇق بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان لوزۇنكىلار بار.

'ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى بۇيىچە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ'

بۇ قېتىم تەيۋەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تەيۋەننىڭ سىياسىي ئورنىنى قانداق بېكىتىش مەسىلىسى بۇيىچە قوزغالغان يەنە بىر جىددىي مۇنازىرە، ھەتتا چوڭ نامايىش، دەل ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم بېسىۋاتقان ۋەزىيەتتە يۈز بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن سايلام نىزامىدا 'تەيۋەن مەسىلىسى چۇقۇم تەيۋەن خەلقىنىڭ رازىلىقىدىن ئۆتكەن ئاساستا ھەل قىلىنىشى كېرەك، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىمىز، ئەگەر خىتاي بۇرۇن بىرلىككە كەلگەن تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش دېگەن پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلسا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ 'تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى بۇيىچە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

خەلقئارادا خىتايچە چىقىدىغان 'شىڭداۋ تور بېتى' دە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى يىللاردىن بۇيان، بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ 'تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى' دېگەن قانۇندا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بولسا 'بىر جۇڭگو سىياسىتى' دېگەننى پەقەت تىلغا ئالماي، ئامېرىكىنىڭ 'تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى' غا ئەمەل قىلىشنىلا تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ.