خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى


2008.03.19

سۈرگۈندىكى تىبەت رەھبەرلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۆلتۈرگەن ئادىمى ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 100 گە يېتىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ۋە تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلغۇچى خەلقئارا ئورگانلار غەرب ئەللىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بايقۇت ئېلان قىلىش، بولمىدى دېگەندە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مەركىزى پارىژدىكى چىگرىسىز مۇخبىرلار ۋە نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك بايقۇت قىلىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى، لېكىن ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش ياكى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى چوڭقۇر ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىردى.

" دۆلەت رەھبەرلىرى خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن بىر سەھنىدە ئولتۇرۇشنىڭ توغرا - خاتالىقىنى ياخشى ئويلىشىش لازىم "

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رىچاردسون خانىم رادىئومىزغا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشسا بۇ خىتاي رەھبەرلىرىدە ئۇلار خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاۋاتىدۇ، دېگەن تونۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ، "بىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ياكى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە شۇنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇلار مۇراسىمغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن بۇنىڭ كىشىلەردە قوزغايدىغان تەسىرىنى چوڭقۇر ئويلىشىشى كېرەك. بولۇپمۇ تېخى يېقىندىلا تىنچ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن پۇقرالارنى باستۇرغان خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن بىر سەھنىدە ئولتۇرۇشنىڭ توغرا - خاتالىقىنى ياخشى ئويلىشىش لازىم. خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى قوللىغانلىقتۇر، دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن " دەپ كۆرسەتمەكتە.

رىچاردسون خانىم يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەگەر تىبەت ۋەزىيىتى ياكى ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىقلاردا يېتەرلىك سەۋەبلەرنى بايقىسا دۇنيا رەھبەرلىرىگە " ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ياكى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش توغرا ئەمەس "دەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر كەسكىن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىدا ئۆزىدە مەۋجۈت بولمىغان ئوبرازنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى برېيسۇل رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ، " بىزنىڭ ھېس قىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇراسىمى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆزىدە مەۋجۈت بولمىغان مەسىلىلەردە جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت مەسىلىسى، مۇھىت ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىگە ئوبراز تىكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن بۇ ئوبرازنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىز ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ۋە خان جەمەتى ئەزالىرىنى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىققا چاقىرىمىز."

" ئەگەر باستۇرۇش يەنە داۋاملاشسا بۇ سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىش پىلانىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن "

خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ھازىرغا قەدەر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەنز گېرت پوتتېرىڭ بىر قەدەر تەبەسسۇم بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە ئاممىۋى رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا "بىرسى چوقۇم خىتايغا شۇنى يەتكۈزۈشى كېرەك: ئەگەر باستۇرۇش يەنە داۋاملاشسا بۇ سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىش پىلانىدا جۈملىدىن مېنىڭمۇ قاتنىشىش پىلانىمدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن "دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بۇ مەسىلىدە "پۈتۈن ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك" دەيدۇ.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كوچىنېر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش تەلىپى ئىتتىپاقنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سلوۋىنىيىدە ئېچىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى. چارشەنبە كۈنى پارىژدا مۇخبىرلارغا "بۇ تەكلىپنى ئويلىشىپ كۆرىمىز " دەپ تەكىتلىگەن كوچىنېر، "ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك بايقۇت قىلىشقا قارىغاندا ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنىڭ سەلبىي تەسىرى بىر قەدەر ئاز"بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى برېيسۇل رادىئومىزغا نېمە ئۈچۈن ئولىمپىك يىغىنىنى ئومۇميۈزلۈك بايقۇت قىلىشنى قوللىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ،" بىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك بايقۇت قىلىشنى قوللىمايمىز، چۈنكى بۇ بىر تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، ئولىمپىك مەزگىلىدە نەچچە مىڭ مۇخبىر خىتايغا بارىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى ئېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە، نۇرغۇن تەنتەربىيىچىلەر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ داغدۇغا قىلىنىشىغا قاتنىشىدۇ " دەيدۇ.

ۋېن جياباۋ "دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىمەن"

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتىكى ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭغا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ، تىبەت ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

فىنلاندىيىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېيجا تىلىكاينەن، 18 ‏- مارت كۈنى خىتاينىڭ خېلسىنكىدىكى باش ئەلچىسى ما كېچىڭنى چاقىرتىپ، تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. چارشەنبە كۈنى رىم پاپاسى بېنېدىكت 16، تىبەت مەسىلىسىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ، زوراۋانلىقنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلماي، ئۇنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ پاپانىڭ تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدا 1 ‏- قېتىم ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشى بولۇپ، ئۇ "مېنىڭ قەلبىم ئازاپ - ئوقۇبەت چېكىۋاتقان بۇ خەلقنى كۆرۈپ ئېچىشتى ۋە ئازابلاندى " دەيدۇ.

چارشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋېننىڭ سۆزى كىشىلەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ ؟ دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلدى. چۈنكى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گولدېن بروۋېن ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە ۋېن جياباۋنىڭ ئۆزىگە " دالاي لامانىڭ ئىككى مەسىلىدە، بىرى مۇستەقىللىقنى قوللىمىغانلىقى، يەنە بىرى زوراۋانلىقنى ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىمەن " دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ۋېن جياباۋ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دالاي لامانى "تىبەتتىكى ئىسياننى پىلانلىدى " دەپ ئەيىبلىگەن ۋە دالاي لامانىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچتىم دېگىنى "پۈتۈنلەي ئالدامچىلىقتۇر " دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. گولدېن بروۋېن ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى سۆزىدە " ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە تەرەپلەرنى سۆھبەتكە ئەكىلىشتۇر ' دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.