خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدە "تۈپ" مەسىلە ھەل بولامدۇ؟

4 - ماي كۈنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ خۇسۇسىي ئەلچىلىرى لودى گەررى بىلەن گېساڭ جەنزاڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئىككى نەپەر مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۈن ۋە تىبەت مىللىتىدىن بولغان سىتا ئوتتۇرسىدا شېنجىندىكى بىر ئالىي مېھمانخانىدا بىر كۈنلۈك غەيرى رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ، 3 - ئايدا لخاسادىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى باستۇرۇلۇش بىلەن كۆتۈرۈلگەن تىبەتلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق غەيرى رەسمىي ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرغان بولۇپ، يېقىندا خىتاي تەرەپمۇ دالاي لاما تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرى

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ جەريانى ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلىرى ئەلۋەتتە، مەتبۇئاتلار ھەم تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەرباپلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى مۇھىم تېما. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەسلىدە چۈشتىن بۇرۇن يېرىم كۈن دەپ بېكىتىلگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئەمەلىيەتتە كەچ سائەت 7غىچە داۋاملاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى سۆھبەت ھەققىدە يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مەزكۇر سۆھبەتتىكى " كەيپىياتلارنىڭ ياخشى" بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما

سۆھبەتنىڭ تولۇق مەزمۇنى ئېلان قىلمىغان شۇنىڭدەك دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ھەققىدە ھېچ نېمە دېمەي،" پەقەت لودى گەررى ۋە گېساڭ جەنزاڭ بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئويلىرىنى ئىپادىلىدى ھەمدە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى دالاي لاماغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى" دېيىش بىلەن چەكلەنگەن.

ۋاھالەنكى، سۆھبەت جەريانىدا خىتاي تەرەپ ۋەكىلى جۇۋېيچۈن بىلەن سىتانىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى قىسقىچە بايان قىلغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان ھەمدە دالاي لاما تەرەپنى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ سۆھبەتنىڭ "دالاي تەرەپنىڭ كۆپ قېتىملىق تەلىپى" بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بۇنى پەقەت " ئۇچرىشىش" دېگەندەك ئىبارىلەر ئاتىغان. مەركىزىي نيۇيورك شەھىرىدىكى ئەركىن خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېنمىڭ ئەپەندى، "بۇنى سۆھبەت دەپ ئاتىغاندىن كۆرە ئاددىي بىر "سۆزلىشىش" دەپ چۈشەنگەن تۈزۈك، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى سەمىمىيىتى يېتەرلىك ئەمەس" دەيدۇ.

شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي سۆھبەت ۋەكىللىرى " دالاي تەرەپنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش ۋە زوراۋانلىقلارنى پىلانلاپ ۋە قوزغاپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ، كېلەركى قېتىمقى سۆھبەت ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.

تىبەتنىڭ ھىندىستاننىڭ دارامسالادىكى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى گېساڭ جەنزاڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، " شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا دالاي ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت مەزمۇنلىرى ئېلان قىلىنمىغان، ئەگەر سۆھبەت كونكرېت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسا، ئۇنداقتا تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى تەرەپ مۇنداق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. بىرىنچى خىتاي دالاي لامانىڭ توپىلاڭ پىلانلىدى دېگەن سۆزلىرى ئۈچۈن پاكىت كۆرسىتىشى كېرەك، ئىككىنچىدىن كۆپلىگەن ئادەملەرنى تۇتۇلغان، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك، ئۈچىنچىدىن، نۇرغۇن ئادەملەر يارىلىنىپ، داۋالىنالمىدى، ئۇلارغا داۋالىنىش شارائىتى بېرىلىشى كېرەك"

"ئەگەر تۈپ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت بولمىسا، بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق"

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە تىبەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە چېتىشلىق بولغان تۈپ مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندىمۇ يوق؟ ھازىرچە بۇ بىر سوئال. بۇ مەسىلىنىڭ سۆھبەت تېمىسى بولغانلىق ياكى بولمىغانلىقى ھەمدە سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى بەلكى ھەر ئىككىلا تەرەپ تەرىپىدىن ۋاقتىنچە سىرتقا ئاشكارىلانماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى گېساڭ جەنزاڭنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، تۈپ مەسىلە بەلكى مۇزاكىرە قىلىنمىغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار. ئۇ " ئەگەر سۆھبەت پەقەت بەزى كونكرېت ۋەقەلەر بىلەنلا چەكلەنسە، "تۈپ مەسىلىلەر" گە تېگىش قىلىنمىسا، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ" دەيدۇ.

ئۇنىڭ چۈشىنىشىچە، بۇ يەردىكى " تۈپ مەسىلە" تىبەتنىڭ مەسىلىسىنى قانداق ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكىدىكى "بۇزالىڭ، خامىلتون" شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، سىياسىي مۇلاھىزىچى ئىلشات ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە تىبەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقى ھەمدە بېيجىڭنىڭ مۇنداق سەمىمىيىتىنىڭمۇ ھازىرچە يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل سۆھبەتلەرنىڭ پەقەت ئولىمپىكنى تىنچ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىقىنى شەرھىلىدى. بۇ پىكىرگە ئەركىن خىتاي دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېنمىڭ ئەپەندىمۇ قوشۇلىدىغان پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى.

خۇ جىنتاۋنىڭ ئۈمىدى دالاي لامانىڭ ئۈمىدى ئوخشاشمۇ؟

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياپونىيە زىيارىتى ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ياپون مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەققىدە توختىلىپ، " ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى دالاي تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن غەيرى رەسمىي سۆھبەتنىڭ ئاكتۇئال نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

بۇ يەردە خۇ جىنتاۋ بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئوخشاشمۇ ؟ دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خۇجىنتاۋ بىلەن دالاي لامانىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بولسا، باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئولىمپىككە قارشى ئەمەسلىكى، تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. دالاي ئىزچىل ھالدا تىبەتنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، پەقەت ئۇنىڭغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا كۆنمىدى. خۇ جىنتاۋ بولسا، ئولىمپىكنى تىنچ ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەمدە خەلقئارا بېسىملاردىن قۇتۇلۇشنىلا كۈتىدۇ.

ۋاڭ لىشوڭ: سەندە ئەقەللىي ئەدەب-ئەخلاق بولمىسا، قانداقسىگە باشقىلار سېنىڭ بىلەن خاتىرجەم سۆھبەتلىشەلىسۇن؟"

بېيجىڭدا تۇرىدىغان ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭلىشوڭ بولسا، خوڭكوڭدا چىقىدىغان " مىنباۋ" گېزىتىدە ئۆز باھاسىنى ئېلان قىلىپ، " دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە يەنە دالاي لامانى قاتتىق تىللاش بېيجىڭنىڭ قەتئىي قىلمايدىغان ئىش ئىدى.

ئەگەر ئەقەللىي ئەدەپ-ئەخلاقمۇ بولمىسا، قانداقسىگە باشقىلار سېنىڭ بىلەن خاتىرجەم ھالدا سۆھبەتلىشەلىسۇن؟ " دەپ بېيجىڭنىڭ تەرەپنىڭ بىر تەرەپتىن دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئەيىبلەش ۋە قارىلاش تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ.

بۇ سۆھبەت ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ

شىنخۇانىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە مۇۋاپىق ھالدا داۋاملىق ئۇچرىشىشقا قوشۇلغان. دېمەك بۇ سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تىبەت بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەت 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن ئالتە قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجە چىقمىغان ئىدى. تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بولسا، دالاي لامانىڭ "ئوتتۇرا يول" كۈرەش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ئۈمىد كۈتمەي، تىبەتنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

ئامېرىكا ئاق سارىيى بولسا بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىياسىي مۇلاھىزىچى ئىلشات ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بۇ سۆھبەتكە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولىمەن دېسە تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى لازىملىقىنى، بىراق تىبەتلەر بىلەن 30 يىل ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن خۇلاسە چىقمىغانلىقىغا قاراپ, بۇنداق سۆھبەتتىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.