ئانالىزچىلار خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختالدى

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئارىسىدا باشلانغان 7 ‏ - نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتى چارشەنبە كۈنى 2 - كۈنى گە كىردى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر 2 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئەمىلى مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

0:00 / 0:00

لېكىن سۆھبەتلىشىۋاتقان تەرەپلەر ھازىرغا قەدەر سۆھبەت مەزمۇنىنى مەخپىي تۇتۇۋاتىدۇ. قايسى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى، سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش - ئېرىشەلمەسلىكى كىشىلەر قىزىقىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك تىبەت سۆھبەت ئۆمىكى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئارىسىدا سەيشەنبە كۈنى باشلانغان مەخپىي سۆھبەت، بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر جايدا ئېلىپ بېرىلماقتا. سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىدى، لېكىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان سۆھبەتنىڭ ئەمىلى مەسىلىلەردە مەلۇم بىر نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا.. تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى سۆھبەتنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىدىكى "ھەلقىلغۇچ دەۋر" دە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيىلىك قوللىغۇچىلىرىغا يازغان توكيو شەھىرىدىكى بىر يىغىندا ئېلان قىلىنغان خېتىدە، بېيجىڭدىكى سۆھبەتنىڭ ۋاقتى تىبەت ۋەزىيىتى"ھەلقىلغۇچ دەۋر" دە تۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى، دەپ تەكىتلىگەن دالاي لاما، "بۇ قېتىمقى 7 ‏ - نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مۇزاكىرىلىرىمىزدە مەلۇم كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دەيدۇ. بېيجىڭدىكى سۆھبەت تەرەپلەرنىڭ ماي ئېيىدا شىنجېندا ئۇچۇرۇشۇپ، رەسمى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلماقتا. ئانالىزچىلار بولسا سۆھبەت مەزمۇنىغا دائىر تۈرلۈك قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى تىبەت مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور گۇ شۆۋۇ ب ب س رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاساسلىقى دالاي لامانىڭ يۇرتىغا قايتىش، ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىش شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. لېكىن ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇلاھىزىچى فاڭ جۆ، "دالاي لامانىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىش، دۆلىتىگە قايتىش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك،" دېگەن قاراشتىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ،" ئىككى تەرەپ دالاي لامانىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىش، دۆلىتىگە قايتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

دالاي لاما جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقىنى باستۇرۇشنى توختاتسا ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنى خالايمەن دېدى. لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ئۈچنى توختىتىشىنى يەنى بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىقنى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ شەرتلەرنى دالاي لامانىڭ بۇنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ئاشكارە. چۈنكى ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلغان ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، لېكىن ئۇ مۇخبىرلارنى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى، كونكرىت ئورنى ۋە سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەن ئىدى. "ھازىرقى جىددى مەسىلە دالاي لاما تەرەپدارلىرىنىڭ ئۈچنى توختۇتۇش جەھەتتىكى كونكرىت ھەرىكىتى،" دەپ تەكىتلىگەن خىتاي ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، " بىز ئالاقىدار سۆھبەت ۋە ئۇچرۇشۇشلارنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەپ ئەسكەرتىدۇ. پروفېسسور گۇ شۆۋۇ، تىبەت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى كۆزقاراش پەرقىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، سىياسى مەسىلىلەر، ھەقىقى ئاپتونومىيە، تىبەتنىڭ مەمۇرى چېگرىسى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سۆزلىشىشكە بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇلاھىزىچى فاڭ جۆ بولسا تەرەپلەر ئارىسىدىكى كۆزقاراش پەرقىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، سىياسى مەسىلىلەر، ھەقىقى ئاپتونومىيە، تىبەتنىڭ مەمۇرى چېگرىسى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سۆزلىشىشكە بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكىدىكى مۇلاھىزىچى فاڭ جۆ بولسا بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى رەسمى سۆھبەت دىيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى ھۆججەتلىرىدە بۇنى بىر ئۇچۇرۇشۇش، دەپ تەرىپلىگەن. ئۇلار سۆھبەت، دېگەن بۇ نامنى ئىشلىتىپ باقمىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ سۆھبەت ئەمەس. سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىلى تەڭ دەرىجىلىك بولۇشى كېرەك. بۇ سۆھبەت بولغان بولسا دالاي لاما ئۆزىنىڭ شەخسى ۋەكىلىنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى. جۇڭگو تەرەپ بولسا مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنى يېتەكچى قىلمىغان بولاتتى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە ھازىرغا قەدەر ئەمىلى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فاڭجۆ،" بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشتىمۇ ئەمىلىي مەسىلىلەر ھەل بولمايدۇ،" دەيدۇ.

دالاي لاما ياپونىيىلىك قوللىغۇچىلىرىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن،" بۈگۈن تىبەت تىبەت خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تاقىشىدىغان ئىنتايىن سەزگۈر بىر دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتىدۇ. تىبەت ۋەزىيىتىدىكى بۇ ھالەت يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن..... خىتاينىڭ تىبەتنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش تىرىشچانلىقى تىبەت خەلقىنىڭ مەدىنىي ۋە مەنىۋى مىراسلىرىنى يوقاتماقتا". دالاي لاما يەنە " بىز تىبەت مەسىلىسىنىڭ سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەر ئاساسىدا تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان بىر نەتىجە بىلەن يېشىلىشىنى خالايمىز. تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان بۇ ئاساس بولسا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدۇر،" دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتقان ئاساسى كۈچتۇر. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى كوندىلىزا رايىس خىتايدا ئېلىپ بارغان يېقىنقى زىيارىتىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە تىبەت مەسىلىسىنى خاتىرلاتقان ئىدى. رايىس، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندە قوشما شتاتلارنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، دىئالوگنىڭ باشلانغانلىقى بولسا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋەقە، دەپ ئەسكەرتكەن.

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي خىتاينى تىبەت مەسىلىسىدە ئەڭ كەسكىن تەنقىد قىلغان غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن پرېزىدېنت ساركوزى، كېلەر ھەپتە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش مەسىلىسىگە قارار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بىر فرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى سۆھبىتىدە " مەن خىتاي رەئىسى خۇ جىڭتاۋ ۋە دالاي لامالار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن. سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قانائىتىم بار،" دەيدۇ.