سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نەتىجە كۆرسىتىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىكەن، بۇ سەۋەبلىك تىبەتنىڭ كەلگۈسى سىياسىتىنى يېڭىدىن بەلگىلەپ چىقىدىكەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى بۇ ھەقتە" بېيجىڭ ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى نامەلۇم " دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ " بېيجىڭ ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى نامەلۇم " دېگەن ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى 3 - نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا چارشەنبە كۈنى كەچتە ئاياقلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە ماقالىدە، خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدا ":دالاي لامانىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ " دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى ھەمدە يەنە دالاي لامانىڭ سۆزلىرىگە قارىتا " نەيرەڭۋازلىقنىڭ ئەھمىيىتى يوق، چېكىنگەننىڭ ئىستىقبالى يوق " دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا ئوبزور ئېلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ماقالىدە، نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشنى خالىمايۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەنىلا بۇ قېتىمقى سۆھبەت نەتىجىسىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە، تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭدا دوجېنىڭ ": ھازىر تىبەت دائىرىلىرى ئاللىقاچان سۆھبەتنىڭ ئاكتىپ خۇلاسە بەرمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدى، شۇڭا تىبەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس " دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭدا دوجې سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن ":سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان دىئالوگنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىدىن تاما كۈتمەيدۇ، مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم تىبەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى ۋە تىبەتكە قاراتقان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، نۇرغۇن تىبەتلەرنى قولغا ئالدى. ھازىر تىبەتنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ."
ماقالىدە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، پات ئارىدا نەچچە يۈزلىگەن تىبەت ۋەكىلىنىڭ دارامسالادا جەم بولىدىغانلىقى شۇنىڭدەك مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزىدىغانلىقى ۋە بۇ قۇرۇلتايدا تىبەت مەسىلىسىنىڭ يېڭى سىياسىتى بەلگىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىراق دالاي لاما قۇرۇلتايغا قاتناشمايدىغان بولۇپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تۇدىڭزاڭ بۇجېنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ قۇرۇلتايغا قاتناشماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۆز پىكىر - تەلەپلىرىنى ئەركىن ئىپادىلىشى ئۈچۈن ئىكەن.
تۇدىڭزاڭ بۇجېنىڭ ئېيتىشىچە" قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى، قانداق قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان دىئالوگنىڭ نەتىجە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ ۋە قانداق قىلىپ تىبەت خەلقىنى زوراۋانلىقتىن خالى ھالدا نارازىلىق بىلدۈرۈش يولىغا باشلىغىلى بولىدۇ دېگەن ئىككى نۇقتا ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ماقالىدە يەنە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسى شەرھىلەنگەن ۋە مەزكۈر قۇرۇلتاينىڭ تىبەت ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى پائالىيەتلىرى، يېڭى ئىستىراتېگىيىسى ھەمدە سىياسەت بەلگىلىشىدە ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە يەنە، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان قىياسلار تىلغا ئىلىنىش بىلەن بىرگە، دالاي لامانىڭ مۇشۇ ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتايغا قاتناشماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەبكە ئىزاھات بېرىلگەن بولۇپ، بۇ بىر تۈركۈم ياش تىبەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش شۇنىڭدەك ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسگە جىددىي مۇئامىلىدە بولمايدىكەن، بۇندىن كېيىنكى تىبەت ئەركىنلىك پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى ئاڭلىتىش ئىكەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا دالاي لامانىڭ 2001 - يىلى ئۆزىنىڭ يېرىم پىنسىيىگە چىقىپ بولغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى سايلام بىلەن بېكىتىلگەن سىياسىي رەھبەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
سۈرگۈندىكى تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ئارىسىدىكى دىئالوگدىن نەتىجە كۈتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار ئېلان قىلىنغان دەل بۇ پەيتتە يەنى 5 - نويابىر كۈنى خىتاي ئورگان مەتبۇئاتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 14 - مارت تىبەت ۋەقەسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان 55 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار 1317 كىشىنى قولغا ئېلىپ، 1115 كىشىنى قويۇپ بەرگەن ئىكەن. ئەمما سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ قارىشىچە، قولغا ئېلىنغانلار سانى خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ ئىكەن.
تېخى يېقىندىلا توكيودا زىيارەتتە بولغان دالاي لاما " قەدىمقى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، تىبەتتە ياشاۋاتقان تىبەت خەلقىنىڭ ھەربىي تۈزۈم، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە، تەشۋىش ۋە كۆپ خىل سىياسىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.