4 ئاي داۋام قىلىدىغان بۇ كۆرگەزمە ھازىر ئۆزىنىڭ جىسمانىي قابىلىيىتىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا بەھۇزۇر ئىپادىلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان تىنچلىق، دوستلۇق ۋە رىقابەت تۇيغۇسى بار كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا.
گىتلېر ئولىمپىك ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا قارشىلىق كۈچلۈك بولغان ئىدى
ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1896 - يىلى باشلانغاندىن بۇيانقى يۈز نەچچە يىل ئىچىدە 1936 - يىلى بېرلىندا، 1980 - يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 2008 - يىلى بېيجىڭدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئۈچ قېتىملىق ئولىمپىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
بۈگۈن ۋاشنگتوندا باشلانغان بۇ چوڭ كۆرگەزمىدە، گىتلېر 1936 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئۇلاپلا ئۆزىگە خوشنا دۆلەتلەردىن چېخنى بېسىۋالغانلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدە پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنىڭ دېلىللىرى كۆرسىتىلگەن. ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيانقى يۈز نەچچە يىل ئىچىدە يەكۈنلەنگەن تەجرىبە - ساۋاقلارنى تونۇشتۇردى.
بۈگۈن 'كۈزۈتۈش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان "1936 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە يۈز بەرگەن ئولىمپىك ۋەقەلىرى" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ناتسىست گېرمانىيىسى ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە ۋاشىنگتوندا بۇنداق بىر چوڭ كۆرگەزمە ئېچىلغانلىقى بىر تەسادىدىپى ئىش ئەمەس. ئامېرىكىدا مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرىدىغان بىر ئەنئەنە بار ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا، گىتلېر 1936 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن گىرىكلەرنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىنى گېرمانلارغا چېتىۋېلىپ ئارىيانلار ئەڭ ئالى مىللەت' دەيدىغان بىر قانداشلىق ۋە ئېرىقچىلىق نەزىرىيىسىنى ئويدۇرۇپ چىققاندا ۋە ئولىمپىك مەشئىلىنى ئولىمپىيادا يېقىپ، ئۇنى مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەيدانغىچە ئۇزۇتۇپ داغدۇغا قىلىش ئارقىلىق، گىتلېر ئۆزىنىڭ دۇنيادا باش كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇنداق شەكىلنى قوللانغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك، ماسساچۇسېتس شىتاتلىرىدا ۋە ياۋروپادىكى ئەنگىلىيە، فرانسىيە، شىۋىتسىيە، چېخ، گوللاندىيىلەردە قارشى ئاۋازلار ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىدى.
ئولىمپىك تارىخىدىكى بىر داغ
بۇ ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 1933 - يىلى گىتلېر ھاكىمىيەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىنلا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىپ ئىرق، دىن ۋە قانداشلىقنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغاندا، گەرچە ئولىمپىك كومىتېتى قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدا ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىسى ماخونېي قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئۇ ساپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى' دەپ قاراپ، بېرلىندا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قەتئىي قوللىغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا، بېرلىندا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى توغرىسىدا ئامېرىكىدا قاتتىق پىكىر ئىختىلاپى پەيدا بولۇپ، ھەتتا دۆلەت پارچىلىنىش گىردابىغا يەتكەندە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلت 'بۇ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشى'، 'تەنھەرىكەت بىلەن سىياسىينى ئايرىپ قاراش كېرەك' دەپ بىتەرەپ پوزىتسىيە قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، گىتلېر گېرمانيىدىكى ۋە خەلقئارادىكى قارشى ئاۋازلارنى دېپلوماتىيە ئارقىلىق باستۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىپ، بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا 46 دۆلەت )ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ( قاتناشقان ئىدى. گىتلېر شۇنىڭدىن كېيىنلا چېخنى بېسىۋالدى ۋە پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى يەھۇدىلارغا قىرغىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئولىمپىك تارىخىغا بىر داغ چۈشكەن ئىدى.
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇستەبىتلەرگە ھۈرمەت تاجىسى كىيگۈزىدىغان مۇراسىمغا ئايلىنىپ قالارمۇ؟
مەزكۇر ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇيىل 3 - ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن دىنى زاتلار نامايىشىدىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىش، ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغان كىشىلەرنى خائىن جازالاش ۋە بۇنداق كىشىلەردىن بىر - بىرلەپ ھېساب ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىدىن پۈتۈن دۇنيا تەئەججۈپلەنمەكتە. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قوللىنىۋاتقان تەدبىرلەر دەل 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى ئىدى.
بولۇپمۇ خىتايلار كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان باشقا مىللەتلەرگە ھېسداشلىق قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنى باستۇرۇۋاتقان كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇپ 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' شۇئارلىرىنى توۋلاشقا ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان باشقا مىللەتلەرگە ھېسداشلىق قىلغان خىتايلارغىمۇ 'خائىن' دەپ ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتايلارنى 'تەبەسسۇم چىراي، چىداملىق ۋە كەڭ - قورساق مىللەت' دەپ چۈشىنىپ قالغان غەرب جەمئىيىتى ھازىر خىتايلاردىن سەسكىندى.
شۇنىڭ بىلەن ھازىر كىشىلەردە، بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندا، ھەممە ئادەم ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان كۆرگەزمە ئارقىلىق، گىتلېرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلىنغان ئېغىر جىنايەتلىرىنىڭ تۇلۇق جەريانىنى چۈشىنىپ يېتەرمۇ؟ يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر داغدۇغىلىق بايرام مۇستەبتلەرگە ھۈرمەت تاجىسى كىيگۈزىدىغان مۇراسىمغا ئايلىنىپ قالارمۇ؟ دەيدىغان كۆز قاراش پەيدا بولدى. غەرب دۆلەتلىرىمۇ، ھازىر خەلقنى باستۇرىدىغان بىر ھاكىمىيەتنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىپخانلىق قىلغۇزۇش مۇۋاپىقمۇ، دېگەن مەسىلىنى قايتا - قايتا ئويلانماقتا.
ھازىر خىتايلاردا پەيدا بولغان 'ۋەتەنپەرۋەرلىك غەزەپ'
ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان خىتايلار ھازىر 'غەرب دۆلەتلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن' دەپ قاراپ، بارغانسىرى قاتتىق نارازىلىقى بىلدۈرۈشكە باشلىدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۆچۈرۈشكە ئىنتىلىدىغان ھەرىكەتلەر، بولۇپمۇ پارىزدا بىر مېيىپ تەنھەرىكەتچى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئېلىپ ماڭغاچقا تارتقۇزۇپ قويغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتايلار ئۆچىنى فرانسىيىدىن ئالماقچى بولدى.
تەھلىل قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايلاردا پەيدا بولغان بۇنداق 'ۋەتەنپەرۋەرلىك غەزەپ' خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇستىلىق بىلەن يېتەكلەنگەنلىكنىڭ نەتىجىسى.
خىتاي ئەگەر سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تامامەن قويۇپ بەرسە، ئولىمپىككە بولغان قارشىلىق پەسىيىشى مۇمكىن
كۈزۈتۈش جۇرنىلى'نىڭ باش مۇھەررىرى، پېشقەدەم سىياسىي مۇلاھىزىچى لياۋتيەنچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرقى ئەھۋالدا، ئەگەر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەردىن، ئۇيغۇرلاردىن، خىتايلاردىن ۋە باشقا مىللەتلەردىن تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغان 'سىياسىي جىنايەتچى' لەرنى تامامەن قويۇپ بەرسە، ئاندىن دۇنيادىكى ئولىمپىككە بولغان قارشىلىق پەسىيىشى مۇمكىن.