خىتاي، فىلىپپىن، ۋيېتنام، تەيۋەن ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇق داۋا قىلىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن توختىماي چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرماقتا. ئامېرىكىغا يېقىنلىشىۋاتقان بۇ دۆلەتلەر ھەربىي ئىتتىپاق قۇرىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى بولسا تالاش - تارتىشتىكى ئاراللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئەمما ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
«تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسى» نىڭ 6 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ۋيېتنام جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش - تارتىشتا قالغان ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى داۋا قىلغان خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلدى. خىتاي دائىرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لۇئوڭ تان نى) (Luong Thanh Ngni خىتاي تەرەپنىڭ پائالىيەتلىرىنى، «ۋېتنامنىڭ ئىككى تاقىم ئارالدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا جىددى بىر شەكىلدە دەخلى - تەرۈز قىلدى»، دەپ ئەيىبلىدى.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىشتا قالغان ئارالغا يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىزدا خىتاي پاراخوتلىرى ۋيېتنام نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركىتى «پېتروۋېتنام»نىڭ ئېلېكترك سىملىرىنى كېسىپ تاشلىغان.
مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچىيىۋاتقان خىتاينىڭ تالاش تارتىشتىكى ئاراللار مەسىلىسىگە تۇتىۋاتقان ئۇرۇشقاقلىق پوزىتسىيىسى ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئەندىشە قىلدۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكىغا يۆلەنمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى 29 - نويابىر ئېلان قىلغان بىر ھۆججەت رايوندا سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى. خىتاي ئاخباراتلىرى ئېلان قىلغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا كىرگەن چەتئەل پاراخوتلىرىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋيېتنام بولسا بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتتى. ۋيېتنام ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بۇيرۇق چىقىرىپ، ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ، بېلىقچىلىق ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىلىپپىن ۋە سىنگاپور ھۆكۈمەتلىرىمۇ خىتاي ئېلان قىلغان بۇ ھۆججەتكە نارازى ئىنكاستا بولدى.
خىتاي ئاخباراتلىرى، خىتاينىڭ خەينەن رايونىدا ساقچىلارغا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن پاراخوتلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئاختۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتلىرىدا جەنۇبىي دېڭىزنى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ زېمىنى قىلىپ كۆرسىتىلگەن خەرىتىلەرنى قوللانغانلىقىغا، فىلىپپىن ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى. ۋيېتنام مەزكۇر خەرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي پاسپورتلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.
تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ھەممىسى ياكى مەلۇم بىر قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بار دەپ تالىشىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا خىتاي، فىلىپپىن، تەيۋەن ۋە ۋېتنامدىن باشقا يەنە مالايشىيا ھەم بىرونى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كىرىدۇ.
جەنۇبىي خىتاي دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى سىياسى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئەگەر خىتاي ئارال تالىشىش مەسىلىسىدە قوشنا دۆلەتلەرنى رازى قىلىپ ياخشى ئۆتمىگەن تەقدىردە 21 - ئەسىردە خىتاينىڭ بېشى ساقايمايدىغانلىقى ۋە خىتاي رايوندىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئابرويىمۇ تىكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
0:00 / 0:00