خىتاينىڭ توسالغۇلىرى ئۈنۈم بەرمىدى، رابىيە قادىر بېيجىڭنى قاتتىق تەنقىدلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئاۋىسترالىيىنىڭ Canberra شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاخبارات كۇلۇبىدا قىلغان سۆزلىرى بۈگۈن ئاۋسترالىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئاۋىسترالىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ توسالغۇلىرى ئۈنۈم بەرمىدى، رابىيە قادىر بېيجىڭنى قاتتىق تەنقىدلىدى" دېگەن بۇ ماقالىدە، گەرچە خىتاي ھۆكۆمىتى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەتبۇئات پائالىيەتلىرىنى بىكار قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق Canberra دىكى خەلقئارا ئاخبارات كۇلۇبىدا رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلغانلىقى بايان قىلىنغان .

ماقالىدە، مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالدى بىلەن ئاۋىسترالىيىنىڭ بىر ئۇلۇغ دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ قاتمۇ - قات توسقۇنلۇقىغا قارىماي،ئۇنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىشىگە يول قويغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

Canberra دىكى خەلقئارا ئاخبارات كۇلۇبىدا سۆز قىلغان قادىر خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ كېلەر قېتىملىق ئاۋسترالىيە زىيارىتىدە ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرى Kevin Rudd ۋە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Stephen Smith بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ جىڭنىڭ، خەلقئارا ئاخبارات كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، رابىيە قادىرنى زىيارەت قىلىشنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئاخبارات كۇلۇبىنىڭ دېرىكتورى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ ئەپەندى بىزگە، سىلەر رابىيەنىڭ زىيارەت قىلىشنى قەتئىي بىكار قىلىشىڭلار كېرەك، ئەگەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى رابىيەنى زىيارەت قىلىش تۈپەيلى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىسا، بۇ ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ۋەقە بولىدۇ، بىز سىلەرنىڭ كېلەر ھەپتە ئىچىدە بىزگە قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاب بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز ھېچ بولمىغاندا، مەزكۈر نۇتۇق بىكار قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، نۇتۇقنىڭ تېلېۋىزىيە نۇتقى بولماسلىقىنى كۈتىمىز."

ئەمما ئاخبارات كۇلۇبى خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋاقتى بويىچە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 12 يېرىمدە Canberra دىكى ئاخبارات كۇلۇبىدا رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش مۇراسىمى ھازىرلىغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئاۋسترالىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى داۋامىدا كۆپلىگەن فىدراتسىيە ھەيئەت ئەزالىرى شۇنىڭدەك يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى Bob Brown ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىشقا مۈيەسسەر بولغان. رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن Brown ئەپەندى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە ‏- ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىشكە كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئاخبارات كۇلۇبىدا بېيجىڭنىڭ " زوراۋانلىق سىياسىتى " نى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت ‏- نەزىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن" : گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمنى توسىغان بولسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ماڭا ئاۋسترالىيىگە كېلىشىمگە رۇخسەت بەردى، بۇنىڭغا مەن كۆپتىن - كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن".

ماقالىدە، ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورىن شەھىرىكى كىنو فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن " مۈھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كىنو رېجىسسورلىرىنىڭ فېستىۋالغا قاتناشتۇرماقچى بولغان فىلىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەجىدىن ئاۋسترالىيە تەرەپكە كۆپ قېتىم نارازلىق بىلدۈرگەنلىكى ۋە كىنو فېستىېۋالى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئېنتېرنېت تور مەيدانىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خەلقئارا ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، " ماۋ زېدوڭ 'مىلتىقتىن ھاكىميەت چىقىدۇ' دېگەن ئىدى، ئەمما مەن 'تېنچلىق ئۈستىلىدە تېنچلىقنى كۆرگىلى بولىدۇ' دەپ قارايمەن، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسى يەنى ئۆز ‏- ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تېنچ يوسۇندا بىرگە ياشاش پىرىنسىپىدىن تامامەن يىراقلاشتى" دېگەن.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە قىلغان تۆھمەتلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خەلقئارادا " زوراۋانلىق ھەرىكىتى" دەپ جار سېلىۋاتقان 5" ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ تېنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان خەلقنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ھەقىقانىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، قارشىلىق بىلدۈرگەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىي ھۆكۈم بىلەن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاۋسترالىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى 6 يىل خىتاي تۈرمىسىگە قامالغانلىقى، 2005 ‏- يىلىدىن بۇيان سۈرگۈن ھاياتى كەچۈرۈۋاتقانلىقى، ۋاشىنگتوندا ياشايدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر لىدىرى بولۇپ تىكلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.