شەربازخان: ئوغلۇم خىتاي تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى
2011.11.30

نۇرۇل ئىسلام شەربازنىڭ ئانىسى ئۇيغۇر دادىسى پاكىستانلىق بولۇپ، 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى رادىئومىزغا بۇ ھەقتە مەلۇم بېرىپ، ئوغلىغا قەست قىلىنغانلىقى، تۈرمىدە يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-يىلى «5-ئىيۇل نامايىشى» قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلغان ۋە جازاغا تارتقان ئىدى.
نۇرۇل ئىسلاممۇ شۇ يىلى 27-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان ۋە 2010-يىلى 13-ئاپرېل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «قاتىللىققا ئۇرۇنۇش، قالايمىقانچىلىققا كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شەربازخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرۇل ئىسلام بۇ يىل 13-نويابىر تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇ ئۆز ئازابلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى.
شەربازخان: سىلە نېمە قىلىۋاتىسىلە، ئۇخلاپ ياتتىڭلارمۇ، ئوغلۇم خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلدى. سىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقىڭلار بىلەن سۆزلىشىمەن، شىنجاڭدىكى خىتاي تۈرمىسىدە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى ئۆلمەكتە. مەن پاكىستانلىق، ئايالىم ئۇيغۇر ئىدى. ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.
شەربازخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، ئوغلى نۇرۇل ئىسلام جازاغا تارتىلغاندىن كېيىن ئوغلىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2010-يىلى 10-ئىيۇن خىتاي چېگراسىنى مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن ۋە خىتايدا تۇرۇپ ئوغلىنىڭ دەۋاسىنى قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان.
ئارىلىقتا شەربازخان خىتايغا بېرىپ ئوغلىنى كۆرۈشكە كۆپ تىرىشقان، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئىلتىماس قىلغان، ئەمما رەت قىلىنغان. خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم ئۇنىڭغا ئوغلى ھەققىدە يالغان خەۋەر بەرگەن. شەربازخان بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى شۇندىن كېيىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىپ 30 غا يېقىن ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان، ئەمما يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلىمىغان.
ھالبۇكى، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن جازا ھۆكۈم قىلىنغان ياشلارنىڭ بىر نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەتتا بەزى ياشلارنىڭ تۈرمىدىكى تاياق ۋە قىيىن قىستاق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.
رادىئومىز بۇنى مۇستەقىل تەكشۈرۈپ دەلىللەشتە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولساقمۇ، بەزى يىپ ئۇچىلىرىغا ئېرىشكەن ئىدۇق.
ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي قەبرىستانلىقىنى باشقۇرۇش ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىدىكىلەر تۈرمىدە ئۆلۈپ ئىگىسىز قالغان ئۇيغۇرلارنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
رادىئومىزغا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمە ۋە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەققىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى بايان قىلغان شەربازخانمۇ تۈرمە مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، ئوغلى قامالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمىدىلا تاياق ۋە تۈرمىدىكى ناچار مۇھىت سەۋەبىدىن ئەينى چاغدىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرۇل ئىسلام شەربازمۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى ئىدى. نۇرۇل ئىسلام شەربازنىڭ دادىسى شەربازخان پاكىستانلىق، ئانىسى پاشايىم بولسا ئۇيغۇر.
نۇرۇل ئىسلام 1992-يىلى 16-يانۋار ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە نامايىش بولغان مەزگىلدە ئەمدىلا 17 ياشتا بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.
نۇرۇل ئىسلامنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى قانداق بولغان؟
نۇرۇل ئىسلام 2010-يىلى 13-ئاپرېل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى «شىسەن تۈرمىسى» دە 8 ئاي ياتقان ۋە ئاقسۇدا سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى «1-تۈرمە» گە يۆتكەلگەن. شەربازخان ئوغلى بارغاندا ئايالى ئوغلىدىن ئاڭلىغان ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ بەردى.
شەربازخان پاكىستانغا چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئايالى پاشايىم يول مېڭىپ يۈرۈپ ئوغلى نۇرۇل ئىسلام بىلەن پەقەت ئىككى قېتىم كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. 3-قېتىم كۆرۈشۈشكە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى چاقىرتىپ كەلگەن.
ئۇ چاغدىكى ئەھۋاللارنى پاشايىمنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاشقا تىرىشقان بولساقمۇ ئىمكان بولمىدى.
شەربازخاننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 13-نويابىر ئايالى پاشايىمنى ئەتىگەن سائەت 10 دا تۈرمە دوختۇرخانىسىغا چاقىرتىپ ئوغلى بىلەن 20، 30 مىنۇت ئەتراپىدا كۆرۈشتۈرگەن كېيىن ئۇنى مەجبۇرى چىقىرىۋەتكەن ھەتتا ئوغلىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى 14-نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دە ئائىلىسىگە خەۋەر قىلغان.
شەربازخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئوغلىنىڭ مېيىتىنى پاكىستانغا قايتۇرۇپ كېلىپ يەرلىككە قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئىسلامئاباد ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن سۆزلەشكەن.
پاكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مېيىتنى پاكىستانغا بىكارغا يۆتكەپ ئەكېلىپ بېرىشكە قوشۇلغان، ئەمما خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ 16-نويابىر مېيىتنى مەجبۇرى يەرلىككە قويدۇرغان.
شەربازخاننىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ئوغلىنىڭ جەسىتى ھەتتا ئۇنىڭ ئانىسىغىمۇ بېرىلمىگەن. ئۇ مېيىتنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىلمەسلىكى ۋە پاكىستانغا بېرىلمەسلىكى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر ئوغلى پاكىستانغا قايتۇرۇپ كېلىنسە ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ۋەھشىي ئەپت-بەشىرىسى ئېچىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ جەسەتنى بەرمىگەنلىكىنى ھەمدە ئوغلىنىڭ زەھەرلىك ئوكۇل بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
شەربازخاننىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى «ئوغۇل شېھىت كەتتى» دېگەن لەردىن ئىبارەت بولدى. ئۇ ئاخىرىدا ئوغلىنىڭ دەۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.