خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

"ئاسىيانىڭ مەركىزىدە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى" غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى ئەتتىگەن سائەتلىرىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ بىلەن ئىستانبۇلدىكى چىراغان سارىيىدا ئايرىم ئۇچراشتى.

0:00 / 0:00

ئىككى سائەت داۋام قىلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىOpens in new window ]

ئۇيۇشتۇردى. يىغىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ يىغىندا، ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىستىراتېگىيىلىك خىزمەت ئىشلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەلىماتى بەرگەنلىكىنى، تۇنجى بولۇپ ئىشنى بۇنىڭدىن باشلايدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ھەسسە قوشالايدىغان ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نەزىرىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ سۆزىدە يەنە ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىن باشلىنىپ، ئۈرۈمچى ئارقىلىق تۈركىيىگە تۇتىشىدىغان يىپەك يولى تۆمۈر يولى ياساش ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلەردە دوستلۇق كۆۋرۈكى بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى بىر دەۋىردىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن داۋۇتئوغلۇ سۆزىدە يەنە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى خەلقئارا ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ رايونلىرىغا ئورتاق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كەلتۈردىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر ۋە كەڭ تۈردە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سىياسى ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرۈش كېرەكلىكىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت تەرەپتىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "بىرلىكتە، مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇچرىشىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋاقتى كەلدى. تۈركىيىدىكى پۈتكۈل يەرلىك خەلق ۋە دۆلەتلىك ئورگانلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق خىتاينىڭ پۈتكۈل رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە تەشۋىق قىلدۇق. ئىككى دۆلەت خەلقلەر ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە بىر جۈملە قوشۇمچە قىلىشنى خالايمەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز چوقۇم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق پۈتكۈل رايونلار بىلەن تۈركىيىدىكى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈشنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز."

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ ئەنقەرەدە ئايرىم ئۇچراشقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.