خىتاي ۋە تۈركىيە ئەمەلدارلىرى ئەنقەرەدە تۈرك، خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ جىجۈن باشچىلىقىدىكى 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيىگە يېتىپ كەلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ھەيئەت 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 1-كۈنلىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يىغىن چاقىرىپ تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

zhang-zhijun-turkler-bilen-385.jpg
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ جىجۈن باشچىلىقىدىكى 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 1-كۈنلىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يىغىندا بولدى. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ مۇزاكىرىگە تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ قاتناشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ جىجۈن باشچىلىقىدىكى بۇ ھەيئەتنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە تۈزۈلگەن 8 توختامنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىش ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتايدىكى ياسىمەن ئىنقىلابىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.