خىتاينىڭ تۈركىيىنى ئالدىغانلىقى ئاشكارا بولدى

خىتاي ئوكرائىنادىن 20 مىليونغا سېتىۋالغان چوڭ ھەجىملىك پاراخوتنى تۈركىيىگە 1 مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىپ ئىستانبۇل بوغازىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتايلارنىڭ 1 مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىمىز دەپ بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. خىتاي «لياۋنىڭ» ناملىق تۈنجى ئاۋىياماتكىسى 25 - سىنتەبىر دېڭىز ئارمىيىسىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا خىتاينىڭ ئاۋىياماتكىسى توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقالدى ۋە خىتاينىڭ تۈركىيىنى ئالدىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

0:00 / 0:00


تۈركىيە ساباھ گېزىتىنىڭ 25 - سىنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، ۋارياگ ئىسىملىك بۇ پاراخوت ئىستانبۇل بوغازىدىن ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي تۈركىيىگە ۋەدە بەرگەن 1 مىليون ساياھەتچى تۈركىيىگە كەلمىدى، خىتاي ساياھەت پاراخوتى قىلىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن بۇ پاراخوت قايتىدىن رېمونت قىلىپ خىتاينىڭ رەسمىي ئۇرۇش پاراخوتىغا ئايلاندۇردى ۋە خىتاينىڭ بۇ پاراخوتنى ساياھەت پاراخوتى قىلىمىز دېگەنلىكىمۇ يالغانغا چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋارياگ ناملىق پاراخوت ئىستانبۇل بوغازىدىن ئۆتكەندە ئىستانبۇلدا چوڭ بىر ئەندىشە پەيدا بولغان. چۈنكى بۇ پاراخوت بۇغازدىن ناھايىتى قىيىن بىر ئەھۋالدا ئۆتكەن ئىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋارياگ ئىسىملىك پاراخوتنىڭ ئىستانبۇل بوغازىدىن ئۆتۈشىگە روخسەت قىلمىغاچقا، پاراخوت قارا دېڭىزدا 2 يىل ئايلىنىپ يۈرگەن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى تۈركىىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلىپ ئاخىرى بۇ پاراخوتنىڭ 2001 - يىلى 11 - ئايدا ئىستانبۇل بۇغازىدىن ئۆتۈشىگە روخسەت قىلىنغان، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي تۈركىيىگە 1 مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىشكە ۋە پاراخوتنى ساياھەتچى پاراخوتى قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. بۇ چوڭ پاراخوت ئىستانبۇل بۇغازىدىن تۆت يېرىم سائەتلىك بىر سەپەردىن كېيىن بەك تەستە ئۆتكەن ئىكەن. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ پاراخوتنىڭ ئىستانبۇل بوغازىدىن ئۆتۈش بەدىلىگە تۈركىيىگە 1 مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، پاراخوت ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي تۈركىيىىنى ئالدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئوكرائىنانىڭ ۋارياگ ناملىق تاشلاندۇق ئاۋىياماتكىسىنى خىتاي 1998 - يىلى سېتىۋالغان بولۇپ، خىتاي تۈركىيىگە 1 مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىدىغانلىقىغا ۋە ۋارياگ ناملىق پاراخوتنى ساياھەت پاراخۇتى قىلىپ ئىشىلىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، ئىستانبۇل بوغازدىن 2001 - يىلى 11 - ئايدا ئۆتكۈزگەن ئىدى. خىتاي ساياھەتچى پاراخوتى قىلىپ ئىشىلتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بۇ ئاۋىياماتكىنى قايتىدىن ياساپ چىقىپ، ئېغىر - يىنىك تىپتكى قوراللار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن تولدۇردى ۋە رەسمى ئاۋىياماتكىغا ئايلاندۇردى.

خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىىگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە 2002 - يىلى خىتايدىن تۈركىيىگە ئاران 28 مىڭ ساياھەتچى ئەۋەتكەن. 2003 - يىلى بۇ سان تېخىمۇ ئازىيىپ 24 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. 2004 - يىلى 34 مىڭ، كېيىنكى يىللاردىمۇ مۇشۇ ساننى ئاساس قىلغان ھالدا ساياھەتچىلەر كەلگەن ئەمما 2011 - يىلى 96مىڭ 700 نەپەر ساياھەتچى كەلگەن.

ۋارياگ ناملىق چوڭ پاراخوت 2002 - يىلدىن باشلاپ قايتىدىن رىمونت قىىلىندى، يېڭى ماتور، زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر، كېرەكلىك زاپچاسلار، قورال - ياراق ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇنداق قىلىپ 10 يىللىق خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە خىتاي دائىرىلىرى 2012 - يىلى 25 - سىنتەبېر بۇ ئاۋىياماتكىنىڭ پۈتكەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ ھازىر خىتاينىڭ تۈنجى ئاۋىياماتكىسى ھېسابلىنىدىكەن.

جۇڭگو خەلقئارا رادىئوسنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ«لياۋنىڭ» ناملىق تۈنجى ئاۋىياماتكىسى 25 - سىنتەبىر دېڭىز ئارمىيىسىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئەسلى نامى ۋارياگ بولغان بۇ پاراخوتنى قايتىدىن ياساپ چىققاندىن كېيىن نامىنى «لياۋنىڭ» غا ئۆزگەرتكەن. ئىگىلىنىشچە «لياۋنىڭ» دېگەن تەيۋەننى ئىشغال قىلغان مەشھۇر بىر خىتاي گېنېرالنىڭ ئىسمى ئىكەن.

تۈركىيىدە چىقىدىغان مىللىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 1985 - يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا ۋارياگ ئوكرائىناغا بېرىلگەن. 1998 - يىلى ئوكرائىنا بۇ پاراخوتنى مەركىزى ھوڭكوڭغا جايلاشقان «چوڭ لوت» ناملىق بىر ساياھەت شېركىتىگە 20 مىليون دوللارغا ساتقان. «چوڭ لوت» ساياھەت شېركىتى خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان قەغەز ئۈستىدىكى يالغان شېركەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ۋارياگ ئۇرۇش پاراخوتى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە ئىستانبۇل بوغازىدىن ئۆتۈشكە روخسەت قىلمىغان. خىتايلار بولسا ماتورى يوق دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان، ئاخىرىدا ۋارياگ 27 كېمىگە سىم ئارغامچا بىلەن سۆرىتىپ ئۆتكۈزۈلگەن. خىتايلار بۇ پاراخوتنى 2002 - يىلى قايتىدىن رىمونت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ 2012 - يىلى 9 - ئايدا پۈتتۈرۈپ رەسىمىي ئاۋىياماتكىغا ئايلاندۇرغان. ئاۋىياماتكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر، ئىگىزلىكى60 مېتىر، كەڭلىكى 73 مېتىر، ئېغىرلىقى 33 مىڭ توننا، يۈك توشۇش ئىقتىدارى 67 مىڭ توننا، سۈرئىتى سائىتىگە 55 كىلومتېر، يۈرۈش مۇساپىسى 7100 كىلومتېر بولۇپ بۇ پاراخوتتا 1960 خادىم ئىشلەيدىكەن، بۇ پاراخوتتا 21 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى، 20 دانە تىكئۇچار، 28 توپ - زەمبىرەك ۋە 2 دانە راكىتا ئېتىش قورالى بار ئىكەن.

تۈركىيىدە چىقىدىغان مىللىيەت گېزىتىدە بۇ ھەقتە يېزىلغان ئوبزۇردا مۇنداق دېيىلىگەن: بۇ ئىشقا مۇنداقچە قارايدىغان بولساق، ئىقتىسادى ياكى سىياسى بىر زىيانغا ئۇچرىدۇق دەپ قارىمايمىز، ئەمما بۇنىڭدىن بىزنىڭ قانچىلىك ئاسان ئالدىنىدىغانلىقىمىزنى كۆردۇق ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىن بىزنىڭ قانچىلىك سەمىمىي ئىكەنلىكىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كۇپايە قىلامدۇ؟

كۆپ ساندا ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ بىر مەزگىلگىچە جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەتلا بىر «قەغەز يولۋاس» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستىراتېگىيە چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بۇ پاراخوتنى تولۇق ئاۋىياماتكا دېيىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئاۋىياماتكىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلكىنى، بۇ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە ھېچ قانداق كۈچ قاتالمايدىغانلىقىنى، بۇ بىر ئادەتتىكى بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، خىتاي ب د ت دائىمى كومىتېتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ پاراخوتنى سىمۋول سۈپىتىدە ئاۋىياماتكا دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.