كۈرشات تۈزمەن خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن
تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "ھۈررىيەت" گېزىتىنىڭ 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى سانىدا، `خىتاي: تۈركىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئىش پىلانىنى بىزگە بەرسە ئاتوم تەجرىبىمىزنى ئورتاقلىشىمىز` ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.
ھۈررىيەت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سۇلايمان دېمىرقان ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ يازغان بۇ خەۋەردە، تېزلا تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ، تۈركىيە تۇنجى قېتىم قۇرماقچى بولىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئىش پىلانىغا قاتناشقانلىقىنى يازغان. بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيىنىڭ تۇنجى قېتىم قۇرماقچى بولغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرتنامىلارنى تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلغان شىركەتلەردىن بىرى خىتاي ئىنجېنېرلىق شىركىتى ئىكەن. بۇ شىركەت تۈركىيىگە يادرو تېخنولوگىيىسىنى بېرىدىغانلىقى ۋە بۇ ساھەدە تۈرك ئىنجېنېرلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ھازىر ئۈرۈمچىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن بېيجىڭدا بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرى جىممي ۋوڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە بولسا مۇدىر ياردەمچىسى جاڭ ۋېنگېڭ بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن.
تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
ھۈررىيەت گېزىتىدىكى خەۋەردە خىتاي ئىنجېنېرلىق شىركىتى مەسئۇللىرىنىڭ تۈرك مىنىستىرىگە دېگەن سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، مۇنداق دېيىلگەن: "تۈركىيىنىڭ يادرو ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بىز قۇرۇشنى خالايمىز. بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇ ئىش پىلانى تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى شىركىتىمىزنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 12 يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. بۇ 12 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 10 نىنى بىزنىڭ شىركەت قۇرۇدۇ. خىتاي دۇنيادا ئەڭ كۆپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئىگە بىر دۆلەت. بىزنىڭ خىتاي ئىنجېنېرلىق شىركىتىمىز بولسا خىتايدا ئەڭ كۆپ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ ئۇنى باشقۇرۇۋاتقان شىركەتلەردىن بىرى."
تۈركىيە بىلەن پۈتۈن ئىلغار تېخنولوگىيىمىزنى ئورتاقلىشىشقا تەييار
خەۋەردە بۇ شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ تۈرك مىنىستىرىگە، تۈركىيىگە يادرو تېخنولوگىيىسىنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: "تۈركىيە بىر مىليون مېگاۋات سائەتلىك بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش پىلانىنى تۈركىيە بىزگە بەرسە تۈركىيە بىلەن پۈتۈن ئىلغار تېخنولوگىيىمىزنى ئورتاقلىشىشقا تەييار بىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈردۇق، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بىزنى قوللىشىنى ئىش پىلانىنى بىزگە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
خىتاي شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى بۇنى دېگەندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى، خىتايلارنىڭ بۇ تەلىپىنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلۇشلارنى سېلىش ئىش پىلانلىرىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا خىتايلار تۈركىيىگە باشقۇرىلىدىغان بومبا ياساش تېخنولوگىيىسىنى بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە يېتەرلىك دەرىجىدە تېخنولوگىيە ئالالمىغان. ھازىر بولسا تۈركىيىگە يادرو ئېنېرگىيىسى تېخنولوگىيىسى بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بۇ خىل ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەردە خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلار بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ راستىنلا شۇنداقمۇ؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ياۋروئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى سۇنا لېئې خانىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
سۇنا لېئې خانىم بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەنچە بۇ تۈركىيىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى. سىزگىمۇ مەلۇم خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەمما يادرو ئېنېرگىيىسى ئىستانسىسى قۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ بۈيۈك بىر مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى دېمەك. بۇ ئىش پىلانىنى جەنۇبىي كورىيە بىلەن خىتاينىڭ ئېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى. تۈركىيىنىڭ كورىيە بىلەن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى جەھەتتە ھەمكارلىقى بار. ئەمما تۈركىيە دۇنيادا تەسىرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالاۋاتقاندەك قىلىدۇ."
خىتايلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كوزىر سۈپىتىدە قوللانمايدۇ
سۇنا لېئې خانىم بۇ خىل چوڭ تىپتىكى ئىش پىلانلىرىنى خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارشى كوزىر سۈپىتىدە قوللانمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ بىر ئامىل، ئەمما بۇنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارشى كوزىر سۈپىتىدە ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ. مەنچە خىتايمۇ بۇنداق قىلمايدۇ. تۈركىيىمۇ بۇ مەسىلىدە نازۇك بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. چۈنكى يېقىنغىچە خىتاي تۈرك مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى جىددى بىر مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئىككىلا دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىپ قېلىشىغا ئېھتىيات قىلىپ كەلدى. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، بۇ خىل ئىش پىلانلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارشى كوزىر قىلىپ ئىشلەتكەن بىلەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىشلىتەلمەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارىي مۇناسىۋىتىدە زىيان تارتىدۇ. خىتايلارنىڭ تۈركىيە بازىرىغا ئېھتىياجى بار."