خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە "جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقى" نىڭ 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ زىيارەتنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىگانلىقى يېزىلغان.

0:00 / 0:00

خەۋەردە يەنە تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 6 - ئايدا خىتايغا رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىمۇ يېزىلغان.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدى.

بۈگۈن بۇ زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسۇللىرى نېمىلەرنى ئويلىماقتا؟ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھازىر قايسى سەۋىيىدە؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ۋە بەزى سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.