بۇ قازاقلار 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ پاكىستان ئارقىلىق 1952 - يىلى تۈركىيىنىڭ ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ سالىھلى ناھىيىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
خىتاي ئەلچىسى گوڭ شىياۋشېڭ بىلەن ئىستانبۇل باش كونسۇلى جاڭ جىلىياڭ، ئوسمان باتۇر بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىست خىتايلارغا قارشى مۇجادىلە ئېلىپ بارغان، قازاقلارنىڭ لىدىرلىرىدىن بىرى بولغان ئالىبېك ھاكىمنىڭ نەۋرىسى بولغان ئايقىن ئاباك ھاكىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا قازاق ئاقساقاللاردىن كۆكسەگەن ئەرەن، مالىك ئاتىلغان ۋە راخمان گۈلەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ مېھمان بولغان. بۇ ئۇچرىشىشتا قازاقلارغا `سىلەر بىزنىڭ چەتەلگە كۆچۈپ كەتكەن گراژدانىمىز ھېساپلىنىسىلەر، پەرزەنتلىرىڭلارنى بېيجىڭگە ئاپىرىپ خىتايچە ئوقۇتۇپ بېرەيلى` دېگەن.
خىتاي ئەلچىسىنىڭ 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قازاقلارنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. سالىھلىدە پالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سالىھلى قازاق تۈركلىرى ئىجتىمايى ھەمكارلىق ۋە مەدىنىيەت جەمىيىتى باشلىقى ئالتاي قاراقول ئەپەندى، خىتايلار بىلەن كۆرۇشكەن كىشىلەرنىڭ قازاقلارغا ۋاكالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ پەقەتلا بىرقانچە قازاقنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاي ئەلچىسىنى ئۆيىدە كۈتىۋالغان ئايقىن ئاباق ھاكىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: پەقەتلا زىيارەت مەقسىتى بىلەن كېلىپتۇ، بۇرۇنمۇ كەلگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئالىبېك ھاكىمجاننىڭ نەۋرىسى بولىمەن. مەن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك بېرىلسۇن دەپ 7600 كىشىگە قول قويدۇرۇپ خەت ئەۋەتكەن ئىدىم.
تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى سىزنىڭ خىتاي ئەلچىسىنى ئۆيىڭىزدە كۈتىۋالغانلىقىڭىزغا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سۇئالىمىزغا ئايقىن ئاباق ھاكىم ئەپەندى مۇنداق جاۋاپ بەردى:
نەتىجىدە ئۇلارنىڭ قوشۇلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار بىلەن دىيالوگ ئېلىپ بارمايمىزمۇ؟ تەلەپلىرىمىزنى خىتايلارغا دېمەيمىزمۇ؟
خىتاي ئەلچىسىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلدىڭىز دېگەن سۇئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: خىتايلاردىن ئاتىلىرىمىزنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى، بىزگە ياشاش ھەققى بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىزنى نېمە دەپ ھېساپلايسىز دەپ سورغىنىمدا، خىتاي ئەلچىسى `بىز سىلەرنى خىتاي دۆلىتىنىڭ چەتەلدە ياشاۋاتقان گەراژدانى دەپ ھېساپلايمىز دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى بۇ` دېدى. ئۇلار ئىزمىرگە كېتىۋېتىپ بىزنى زىيارەت قىلدى، بۇ رەسمى زىيارەت ئەمەس.
چوڭ دادىڭىز خىتايلار بىلەن مۇجادەلە قىلغان ئىكەن، سىز خىتايلار بىلەن دوست بولۇپ يۈرۈپسىز بۇ توغرىمۇ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى: ياق، ئۇلار دوست دېگەن بىلەن دوست بولۇپ قالمايمىز، بۇنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا كېلەچەكتە سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلىپ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندەك، خىتايمۇ يېمىرىلىپ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ.
ئىزمىر سالىھلى قازاق تۈركلىرى ئىجتىمايى ھەمكارلىق ۋە مەدىنىيەت جەمىيىتى باشلىقى ئالتاي قاراقول ئەپەندى خىتاي باشەلچىسى گوڭ شىئاۋشېڭنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى، ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ئەلچىسىنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىدۇق. پەقەتلا بىر ئىككى ئائىلە بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىپتۇ. بىزنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مەسىلىلىرىمىزنى بىلىسىز شۇڭا بىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى قوبۇل قىلمىدۇق. بىز سالىھلى قازاق جەمىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتايلار بىلەن بولغان بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنى توغرا تاپمايمىز.
بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتىى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.