گوۋ شىياڭ: شەرقىي تۈركىستان دەپ يەر يوق، ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گوۋ شىياڭ بۇ يىل 18 ‏ - ئاپرىل جۈمە كۈنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھرىدە ئاخبارات يىغىنى ئاچقان، ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا تىبەت مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەن.

0:00 / 0:00

"دالاي لاما روھانىي راھىب ئەمەس"

گوۋ شىياڭ سۆزىدە يەنە ئولىمپىك مۇسابىقىسى نامايىش قىلىش، بايقۇت قىلىشتەك قارشىلىقلارغا دۈچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر مۇسابىقە پروگراممىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ئىلگىرىكى پىلان بويىچە ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تىبەتتىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھاكىمىيىتى تىبەت خەلقىنى راھىبلار سىنىپىنىڭ ھوقۇق ۋە ئىقتىسادى ئىگىلىكنى مونوپول قىلىۋېلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، تىبەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ھەق ‏ - ھوقۇققا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۈردى."

گوۋ شىياڭ يەنە مۇخبىرلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: "دالاي لامانى روھانىي راھىب دەيدىغانلاردىن شۇنى سورايمەن. قانداقمۇ بىر راھىب ھۆكۈمەت قۇرالىسۇن؟ پارلامېنت مەجلىسى ئاچالىسۇن؟ ھەربىي بازا قۇرالىسۇن؟ دالاي لاما 1960‏ - يىلدىن 2007 ‏ - يىلغىچە ھەر يىلى 10 ‏ - مارتتا تىبەت خەلقىنى كۈشكۈرتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ كەلمەكتە."

گوۋ شىياڭ : "شەرقىي تۈركىستان دەپ يەر يوق ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"

مۇخبىر، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى توغرىسىدا سورىغاندا گوۋ شىياڭ مۇنداق دېگەن : "سوئالىڭىزغا تۈزۈتۈش بېرىشنى خالايمەن، 'شەرقىي تۈركىستان' دەپ يەر يوق، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ياشايدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بار. شەرقىي تۈركىستان ئاز بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەت پائالىيىتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى قوراللىق ھەرىكەت قىلىش يولىنى تاللىدى. ئۇلار ب د ت نىڭ تېررورىست تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە قوشۇلدى. بۇ ئايرىمچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەر تۈركىيە قاتارلىق ھېچقانداق دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، مەن ئۇ رايونغا 3 قېتىم باردىم، ئۆتكەن يىلى يازدىمۇ بارغان ئىدىم، ئۇ يەردىكى ئىنسانلار ناھايىتى ھۇزۇر ئىچىدە ياشىماقتا، ئۇلار ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىمەكتە. ئۇ رايوننىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە تەرەققىيات سۈرئىتىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاخباراتچىلار ئۆزى كېتىپ كۆرسە ئىدى بۇ يەردە داۋا قىلىنغانلارنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى."

شۇ كۈنى ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش سائەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار شۆبىسى بىرلىكتە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا، خوتەندە تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى قويۇش بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

بىز خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاچقان ئاخبارات يىغىنى توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ۋە باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.