ھەتتا بۇ ھەيئەت چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئوقۇش پۇلى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 7 - ئاينىڭ بېشىدا خىتاي دۆلەتلىك مۇھاجىرلار ئىدارىسى باشلىقى جۇ خۇيلىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مۇدىرى مۇزەپپەر مىجىت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلار باشقارمىسى مۇئاۋىن مۇدىرى مەۋلان روزى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيىگە كېلىپ، تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئالغان ئۇيغۇرلارغا ئەنقەرەدىكى گۆكسۇ ئاشخانىسىدا زىياپەت بەرگەن. بۇ زىياپەتكە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خادىملىرىدىن يۈ جيەن، جياڭ چى، چۈ ۋېيپىڭ قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقان. بۇ زىياپەتكە ئەنقەرە ۋە باشقا رايونلاردا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئارانلا 6 نەپەر ئۇيغۇر، 2 نەپەر قازاق قاتناشقان. ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ كۈندىكى زىياپەتتە ئالدى بىلەن مۇزەپپەر مىجىت سۆز قىلىپ، خىتايدا چاقىرىلغان "شىنجياڭ يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجياڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى، شىنجياڭنىڭ كېلەچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكى" نى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە سۆزىدە، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، بۇ ھەيئەتنىڭ مىسىرغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇلارغا 200 مىڭ سوم پۇل ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجياڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
بەزى ئىنكاسلاردا ئېيتىلىشىچە، تۈركىيىدىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي دۆلەتلىك مۇھاجىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خۇيلىن سۆز قىلىپ مۇزەپپەر مىجىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق زىياپىتى بولۇپ، بىرىنچى قېتىمقى زىياپەتكىمۇ ئاران 5 - 6 نەپەر ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلغان ئىدى. بىز بۇ زىياپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئامانگۈل خانىمغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
