ئۇچرىشىشتا، بۇ ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروف. در. مەھمەت ساغلام، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى ئوقتاي ۋۇرال ئەپەندى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئەمىنە ئۈلكەر تارقان خانىملار بىلەن ئۇچراشتى.
تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ساغلام ئۇچرىشىشتا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە، «تۈركىيىگە خوش كېلىپسىلەر، تۈركلەر بىلەن خىتايلار 2000 يىللىق قوشنا ئىككى مىللەت. بىز ئاسىيالىق، بىز بۇ جايغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن» دېگەن. ئۇ سۆزىدە تۈركىيە پارلامېنتنىڭ 130 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بۇ خىل زىيارەتلەرنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كېيىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ تيېنوڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن بىر-بىرىدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي يىپەك يولى ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، جوۋ تيېنوڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت مەسىلىلىرىدە خىتاينى قوللاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئىتى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئوقتاي ۋۇرال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. ئوقتاي ۋۇرال مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ 43 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇھىم بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى، پارلامېنتتا 50 ئەزاسى بارلىقىنى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل زىيارەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئوقتاي ۋۇرال ئەپەندى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىيالايدىغانلىقىنى، بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاساسىي ئامىلغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئوقتاي ۋۇرال ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوۋ تيېنوڭ، بۇلارنى ئاڭلىماسقا سېلىپ «بىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت» دەپ ئۇچرىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغان.
كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەمىنە ئۈلكەر تارخان خانىم بىلەن كۆرۈشكەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان كۈنلەردە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ تيېنوڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ بولۇپمۇ خىتاي ھەيئەتنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان رەھبەرلەرنى تاللاپ ئۇچرىشىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.