بۇ يىغىنغا، خىتايدىن كېلىدىغان مۇتەخەسىسلەردىن باشقا يەنە خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گوڭ شياۋشېڭمۇ قاتنىشىدىكەن.
مەزكۇر يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن دۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ ئىدارىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ زىيارەت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دوكتور سەدات لاچىنەر ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

در. سەدات لاچىنەر ئەپەندى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خىتايدىن كېلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئاچماقچى بولغان يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
" 18 - چىسلا بىز خىتايلار بىلەن ئاچماقچى بولغان يىغىندا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە تەتقىقات بەكلا ئاز. خىتاينىڭ تۈزۈمى، دۇنيا قارىشى تۈركىيىگە ئوخشىمايدۇ. تۈرك خەلقى خىتاينى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلى بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن قانداق بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ."
خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى در. سەدات لاچىنەر ئەپەندى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدۇر. تۈركىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيىسى ئېنىق، يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ ئېنىق بولغىلى تۇردى. بىز زوراۋانلىققا تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارشى تۇرىمىز. ئىككىنچىسى، دۆلەتلەر ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك. بۈگۈن دۇنيادا دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە ئۆلچەملەر بار، تۈركىيە بۇ ئۆلچەم بويىچە خەلقىغە مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، خىتايمۇ بۇ ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. كېيىنكى 10 يىلدىن بېرى خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ تۈركىيىگە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەگەر بىز خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتساق بىر - بىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنسەك، ئوتتۇرىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا كۆپ پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.