خىتاينىڭ 'تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش' پائالىيىتى مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.10.19
2010.10.19

RFA Photo / Ekin Tarim
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، "ئالدىن تىزىملىتىش شەرتى" بويىچە رەسمىيەت ئۆتىمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ زالىغا كىرگۈزۈلمىگەن. بۇ ئەھۋال تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئىستانبۇلدىكى ئەردەم بېيازىت مەدەنىيەت مەركىزىدە ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە، تۈرك ساقچىلىرى "ئالدىن تىزىملىتىش شەرتى" بىلەن بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زال ئىچىگە كىرىشىنى توسىغان.
ئەرك تېلېۋىزىيىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى، تۈركلەرنىڭ ياردىمى بىلەن "ئەردەم بېيازىت مەدەنىيەت مەركىزى" گە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىلىۋاتقان نەق مەيداندا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى بىزگە سەھنىدە كۆرسىتىلىۋاتقان سەنئەت نومۇرلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى يوشۇرۇپ ئېلىپ كىرگەنلىكىنى، ئەگەر شارائىت يار بەرسە بايراقنى سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆز ۋەتىنىدىن كەلگەن سەنئەتچىلەر بىلەن دىدارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاينىڭ "تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش" پائالىيىتىنىڭ ھېچقاچان ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.