بۇ ئەھۋال تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە، تۈرك ساقچىلىرى "ئالدىن تىزىملىتىش شەرتى" بىلەن بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زال ئىچىگە كىرىشىنى توسىغان.
ئەرك تېلېۋىزىيىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى، تۈركلەرنىڭ ياردىمى بىلەن "ئەردەم بېيازىت مەدەنىيەت مەركىزى" گە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىلىۋاتقان نەق مەيداندا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى بىزگە سەھنىدە كۆرسىتىلىۋاتقان سەنئەت نومۇرلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى يوشۇرۇپ ئېلىپ كىرگەنلىكىنى، ئەگەر شارائىت يار بەرسە بايراقنى سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆز ۋەتىنىدىن كەلگەن سەنئەتچىلەر بىلەن دىدارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاينىڭ "تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش" پائالىيىتىنىڭ ھېچقاچان ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.