ئانالىزچىلار مەزكۇر گاز تۇرۇبىسىنى خىتاينىڭ رايوندا تەسىرىنى كېڭەيتىش يولىدىكى زور غەلىبىسى، دەپ قاراشماقتا. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار، بۇ قۇرۇلۇش ئۇزۇن مەنزىلدە رايوندىكى ئەللەرنىڭ مىللى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
تۈركمەنىستاننىڭ سامانتۆپە، دېگەن يېرىدىن باشلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە قەدەر تۇتۇشىدىغان تۈركمەن - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 7000 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلىرىگە تۇتۇشىدۇ.
دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمەمەدوۋ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېۋ ۋە ئۆزبېكىستان رەھبىرى كەرىموۋلار سامانتۆپەدە جەم بولۇپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ رەسمى ئىشقا كىرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ، "جوڭگو بىزنىڭ بۇ ھەمكارلىقىمىزغا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ شۇنداقلا بۇ گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئېچىلىشى دوست دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقىمىزنىڭ يەنە بىر نامايەندىسىدۇر،" دېگەن.
بەردىمەمەدوۋ بولسا، "مەزكۇر قۇرۇلۇش يالغۇز ئىقتىسادى ۋە سودا جەھەتتىكى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، سىياسى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى"نى، خىتاينىڭ "يەر شارى بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم كاپالەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى مەركەزلىك ھالدا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى چىقىش قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى، رايوننىڭ ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقىغا ئېرىشىش، يەنە بىرى، ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىنىڭ بىخەتەرلىكى بولۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندىكى پائالىيىتىنى چەكلەشتۇر.
رايوندىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بۇ رامكا ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېۋ ئالدىنقى كۈنى قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ خەۋەر "قازاقىستان جوڭگونىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىدى"، دەپ بېرىلدى. لېكىن، قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا نازاربايېۋنىڭ "3 خىل كۈچلەر"گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
قازاقىستاندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى، نازاربايېۋنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن بۇ ئەللەر ئاساسىي قانۇنىدىكى ئەركىنلىك رامكىسى ئىچىدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركمەنىستان - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان 3 دۆلەت چېگرىسى ئىچىدىكى ئومۇمى مۇساپىسى 1800 كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى ئومۇمى مۇساپىسى 5000 كىلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ 2012 - ۋە 2013 - يىلى ئارىلىقىدا مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ گاز يوللاش ئىقتىدارىنى يىلىغا 40 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈش پىلانى بار.
خىتاي پىلانى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش بولۇپ، خىتاي بۇ دۆلەتلەرنى غايەت زور مىقداردىكى قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن.
بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قازاقىستاننى 10 مىليارد دوللار، تۈركمەنىستاننى 4 مىليارد دوللار قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، تۈركمەنىستاندىكى جەنۇبىي يول "ئوتان تەبىئىي گازلىقى"نى ئېچىش پىلانىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيىتى بۇ رايوندىكى ئەنئەنىۋى زومىگەر كۈچ رۇسىيىنى بىئارام قىلىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزلىرىنىڭ زاپاس ئېنېرگىيە مەنبەئەسى،ھېسابلايدىغان ياۋروپانى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قەھرىمان غوجامبەردى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتىكى ئەيىبى ئۇلارنىڭ ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىگە توسالغۇ بولغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كرىزىس بولسا خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە پۇرسەت ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركمەنىستان دۇنيادىكى تەبىئىي گاز زاپىسى ئەڭ مول دۆلەتتۇر. ئىلگىرى تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىدا گازپروم شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا تايىناتتى. لېكىن، بۇ يىل 4 - ئايدا گاز تۇرۇبا يولىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، گازپروم شىركىتى گاز سېتىۋېلىشنى توختاتقان. بۇ رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدىكى دىپلوماتىك تالاش - تارتىشنى ئۇلغايتقان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيىنىڭ تۈركمەن گېزىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىشى تۈركمەنىستاننى ھەر ئايدا بىر مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرىتىپ، تۈركمەنىستاننىڭ گاز ئېكسپورت تۇرۇبا يولىنى كۆپ لىنىيىلەشتۈرۈش ھەم گاز ئېكسپورتىدا خىتايغا يۈزلىنىشىنى تېزلەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى قەھرىمان غوجامبەردى، خىتاي بىلەن بولغان بۇ مۇناسىۋەت ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قىسقا مۇددەتلىك بەزى مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەنزىلنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ دۆلەتلەرگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ جىنتاۋ سامانتۆپەدىكى مۇراسىمغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەزكۇر گاز تۇرۇبا يولىنى ماختاپ، بۇ قۇرۇلۇشنى "زور ۋەقە" دەپ تەرىپلىگەن ھەم "بۇ قۇرۇلۇش رايوندىكى پۈتۈن دۆلەتلەرگە پايدا يەتكۈزىدۇ. پۈتۈن دۇنيا ھازىر بىزگە كۆزىنى تىكىۋاتىدۇ" دېگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، بۇ قۇرۇلۇش رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەللەر ئارىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بەردىمەمەدوۋ بىلەن ئېنېرگىيە سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.