خىتاي 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە غۇلجىدا تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان 6 ئاي جەريانىدا " جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش " قا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرجەم كۈتۈۋېلىشقا چاقىرغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا" 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى " نى باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان،" جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش "، " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش " دەپ نام ئالغان، بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئىلى تەۋەسىدىنلا " 3 خىل كۈچلەر" گە مۇناسىۋەتلىك دەپ تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى 100 دىن ئاشىدىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن، ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىم تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئاساسلىقى دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەم دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان تىجارەتچى بالىلار بولۇپ، ئۇلار ئىلى تەۋەسىدىكى غۇلجا ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرى، چاپچال ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىن تۇتۇلغان.

رادىئومىزغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 2009 - يىلى 3 - ئايدىن 5 - ئاي ئارىلىقىدا تۇتۇلغان بالىلاردىن ئۇنىڭ بىلىدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە ئىكەن:

1. ئوسمانجان، كۈنەس ناھىيىسى قارا بۇغرا دېگەن جايدىن، 2009 - يىلى 3 - 4 - ئاي مەزگىللىرىدە كۈنەس ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

2.ياسىنجان، غۇلجا ناھىيە كېپەكيۇزى كەنتىدىن، 2009 - يىلى 3 - 4 - ئاي مەزگىللىرىدە غۇلجا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

3. ئابدۇغەنى تايىر، غۇلجا ناھىيە جىلىليۈزى خوتەن مەھەللىسىدىن. ئابدۇغەنى تايىر تويى بولۇپ،5 - كۈنى ئۆز ئۆيى جىلىليۈزى خوتەن مەھەللىسىدىكى ئۆيىدىن كېچىسى تۇتۇپ كېتىلگەن.

4. قاسىمجان، غۇلجا ناھىيە ئونيار يېزىسىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان يېرىدىن قولغا ئېلىنغان.

5. مەخمۇتجان، غۇلجا ناھىيە چولۇقاي يېزىسىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان يېرىدىن قولغا ئېلىنغان.

6.ئابدۇخالىق، غۇلجا ناھىيە قاش ( قارىۋاغ ) يېزىسىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان يېرىدىن قولغا ئېلىنغان.

7. ئابدۇۋاھاپ مۇتەللىپ، غۇلجا ناھىيە توخوچىيۈزى كەنتىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە، غۇلجا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

8. ئابدۇغەنى ئابلىكىم، غۇلجا ناھىيە توخوچىيۈزى كەنتىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە،غۇلجا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

9. مۇساجان قارى. غۇلجا شەھەر تاۋاقچى مەھەللىسىنىڭ ئىمامى، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە، غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن، ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

10. ئىلھام، غۇلجا ناھىيە ئونيار يېزىسىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە، غۇلجا ناھىيىلىك ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

11. يارمەمەت، غۇلجا ناھىيە پەنجىم يېزىسى، يۇقارقى پەنجىم يېڭى ئاۋات مەھەللىسىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە غۇلجا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

12. ئىسلام، غۇلجا ناھىيە چولۇقاي يېزىسىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە غۇلجا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

13. چولۇقايلىق يەنە بىر ئۇيغۇر بالا، 2009 - يىلى 5 - ئاي مەزگىلىدە غۇلجا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

بۇ كىشى بىزگە يەنە، غۇلجا تەۋەسىدىن بۇلتۇر ئولىمپىك مەزگىلىدە تۇتۇلغان بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى.

1. خالمۇرات سادىر، ئىلى ۋىلايىتى چاپچال ناھىيىسىدىن، 2008 - يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 6 يېرىم يىللىق كېسىلگەن.

2. قۇربانخان مەمتىمىن، غۇلجا شەھەر بايانداي يېزىسىدىن، 2008 - يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىپ، (دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن) 3 يېرىم يىللىق كېسىلگەن.

3. خۇدابەردى، غۇلجا شەھەر بايانداي يېزىسىدىن،2008 - يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغان، ھازىرقى ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.

4. ئىشاق ( تۇڭگان ) غۇلجا ناھىيە ماي گوڭشې خۇيزۇ ئۇچئۇن كەنتىدىن، 2008 - يىلى 11 - 12 ‏ - ئايلاردا غۇلجا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھازىر ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بۇ كىشىنىڭ بىزگە يەتكۈزۈشىچە، ئىلى تەۋەسىدىن 2007 - يىلى سىياسىي جىنايەت بىلەن تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن، ئابدۇۋەكىل، (غۇلجا ناھىيە ئونيار يېزىسىدىن) ؛ ياقۇپجان ئابلىمىت، (غۇلجا ناھىيە ئىسلاميۈزى كەنتىدىن) ؛ ئەركىن (غۇلجا شەھرىدىن ) قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، سىزلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە " دۆلەتنى پارچىلاش"، " 3 خىل كۈچلەرگە چېتىشلىق بار " دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل سىياسىي بەتناملار بىلەن قولغا ئېلىۋاتقان، تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى، رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە، تور ئادرېسى ھەم تېلېفون لىنىيىمىز ئارقىلىق يەتكۈزۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

تور ئادرېسلىرىمىز : iliderya@yahoo.com ،shohret1965@gmail.com ،jumam@rfa.org

تېلېفون لىنىيىمىز : 001 - 202 - 530 - 4999 غا ئۇرۇپ 1062 گە ئۇلىسىڭىز بولىدۇ، ياكى بىۋاسىتە ھالدا، 001 - 202 - 266 - 4009، 001 - 202 - 870 - 6203 نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلىڭ.