خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە 1295 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىت دەپ ئېلان قىلغان ھەم ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۈگۈن ئولىمپىكنىڭ ئالدى - كەينىدىكى 11 ئاي ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 1300 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ئۇچۇرنى خىتاي تەپتىش گېزىتى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدىن ئىگىلىگەن.

خىتاي تەپتىش گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى 11 ئاي ئىچىدە، خىتاي دائىرىلىرى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 1295 كىشىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت گۇمانى بىلەن قولغا ئالغان، بۇلاردىن 1154 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە ۋە رايونلىرىدا بولسا ئوخشاش گۇمان بىلەن 742 كىشىنى قولغا ئالغان، بۇلاردىن، 619 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان. دېمەك ئۆتكەن يىل ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ 50% كۆپرەكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن.

گېرمانىيىدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى خىتاي ئېلان قىلغان مەلۇماتقا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىن باشلاپ بىر - بىرىگە زىت بايانات بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى مەلۇماتتا 1300 دەپ كۆرسىتىلگەن قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە 4000 دىن ئارتۇق دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى، 10 ‏ - ئاۋغۇست كۇچادىكى زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى، ئېنىقسىزلىقى داۋاملىشىۋاتقان 7 ‏ - مارت ئايروپىلان ئېلىپ قېچىش ۋەقەسى، 23 ‏ - مارت خوتەن ئاياللار نامايىشى قاتارلىق زور ۋەقەلەر 2008 ‏ - يىل ئىچىدە يۈز بەردى؛ يەنى 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان مىللىي ھەرىكەتلەر قېتىم سانىدا مول - ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاينىڭ ئولىمپىك ئالدىدىكى باستۇرۇش ۋە ئولىمپىكتىن كېيىنكى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن داۋام قىلدى. شۇڭا قولغا ئېلىنغانلار سانى، ئېلان قىلىنغاندىكىدىن ئاز دېگەندە بىر ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكولىس باككولىن، خەلقئارا ھېرالد گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئېلان قىلغان مەلۇماتتىكى ساننىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىدىكى ساندىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنى راست دەپ قارىغاندىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاشكارىلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.