4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. خىتاي دېموكراتلىرى بۇ كۈننى زور داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەشنىڭ تەييارلىقىدا. خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ كۈندە بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقىدا. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بولسا، ۋەزىيەتنى ھازىردىن باشلاپ كۆزەتمەكتە.
بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە قارىتا باھاسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتمائىي تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوپىيە رىچاردسون خانىم، خىتاي 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتا باھا بەرمەي تۇرۇپ، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى بولماي تۇرۇپ، ئەدلىيە سېستىمىسى مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت سانالمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن، دۇنيا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئەسكىرىي ھەمكارلىقىنىڭ ھەر ۋاقىت توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە، ليۇ شاۋبو، دىڭ زىلىن ، جياڭ يەنيۇڭ ۋە ۋاڭ دەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلىرى بايان قىلىنغان.
ۋاڭ دەن تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي خەلقىنىڭ شۇ مەزگىلدە تۇنجى قېتىم ئەركىن پىكىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، شۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان تەلەپ ۋە ئىرادىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ھەقىقىي تەلەپ ۋە ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خەلق ئىرادىسىنىڭ ھامان بىر كۈنى ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ، 4 - ئىيۇن خاتىرىسىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.