ئۇنداقتا ئۈچ خىل كۈچلەرنى بېكىتىشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ راستىنلا ۋاڭ لېچۈەن ئېيتقاندەك، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق ئۈچ خىل كۈچنىڭ ئۆلچىمىمۇ ياكى ئۆلچەم پەقەتلا ئۇيغۇر كىملىكىمۇ؟ مانا بۇلار، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا 3 ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئىشتىن توختىتىلغانلىق خەۋىرى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنى تەكرار ئويلاندۇرغان سوئاللاردۇر.
ئىليار شەمشىدىن: " خىتايغا ئۇيغۇر كېرەك ئەمەس، ئۇنىڭ ۋەتىنى كېرەك"
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئىليار شەمشىدىن ، بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىن توختىتىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىدۇ.
نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى، ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئوخشاتماقتا، خىتاي تەرەپ بولسا ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى دەپ چۈشەندۈرمەكتە.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىك ئىھتىياجىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن ئىدى؛ ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە ھەر قانداق بىر دۆلەت ئولىمپىكقا ئوخشاش چوڭ ئىشقا ساھىپخانلىق قىلسا، بىخەتەرلىكنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ دېگەن ئىدى. ئىليار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بىخەتەرلىك سىياسىتى يېڭى بىر سىياسەت ئەمەس، بەلكى ئەنئەنىۋىي بىر سىياسەتنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە پەرقلىق شەكىلدە ئىپادىلىنىشى.
بىر يولۇچى: " مەن سىلەر قورقۇۋاتقان ئادەملەردىن ئەمەس، مەن بىر ئوقۇتقۇچى"
ئامېرىكىلىق خىتاي پروفېسسورى دىڭ تىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كۈنى شاڭخەي ئايرودرومىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئوبېكتى بولدى، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭغا بەكلا ھار كەلدى، ئەمما بۇ ئىشتا ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەشكىمۇ بولمايتتى."
دىڭ تىڭنىڭ دوۋېي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان زىيارەتنامىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەيدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئايرودرومدا قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن، ئۇ : " مەن سىلەر قورقۇۋاتقان ئادەملەردىن ئەمەس، مەن بىر ئوقۇتقۇچى،" دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ سۆزلەر تەكشۈرگۈچىلەرگە كار قىلمىغان. دىڭ تىڭنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ" : ئىككىمىز يانمۇ - يان ئولتۇردۇق، ئۇنىڭ يول بۇيى قاپىقى ئېچىلمىدى، مەنچە 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئايرودرومدا مۇشۇنداق قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ."
داللاس ئايرىدۇرۇمىدىكى مۇسۇلمان خىزمەتچىلەر ۋە ئۈرۈمچى ئايرىدۇرۇمىدىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر
دىڭ تىڭنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى رەت قىلىدۇ. ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داللاس ئايرودرومىدا ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە 4 ئۇيغۇر ئىشلەيدىكەن، ئۇلاردىن ئىككىسى پاسپورت ۋە يۈك - تاقا تەكشۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆتكەلدە ئىشلەيدىكەن، بۇلار تېخى ئامېرىكىدا رەسمىي ۋەتەنداشلىقى قوبۇل قىلىنىپ بولغانلار ئەمەس، پەقەت يېشىل كارت بىلەن تۇرۇۋاتقانلار ئىدى.
ئىليار ئەپەندى ئۇچقۇچىلار مەسىلىسىنى، ۋاڭ لېچۈەن تەكىتلەۋاتقان 3 خىل كۈچلەر يالغۇز مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېسسىياتقا ئىگە كىشىلەر ئەمەس، بەلكى سالاھىيەت كىنىشكىسىدە ئۇيغۇر دەپ يېزىلغان بارلىق كىشىلەردۇر دەپ كۆرسەتتى.