بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرىقىلاردىن، خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنمايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۈرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي رەھبەرلىرى خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا قانۇننىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
ھالبۇكى 5 - ئىيۇل نامايىشى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بېيجىڭ شەھەرلىك قانۇن ئىشلار ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى " تىپىك بۇزغۇنچىلىق" ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتتى ۋە ئادۋوكاتلارنى بۇ ھەقتىكى دېلولاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇدى.
يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بېيجىڭلىق داڭلىق ئادۋوكات، قانۇن ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىسى ۋە "پۇقرالار ئىتتىپاقى" قانۇنچىلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇ جىيۇڭ باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى يېقىندا پۇقرالار ھوقۇقىغا ئالاقىدار دېلولارنى تۇتىدىغان 53 نەپەر ئادۋوكاتىنى ئادۋوكاتلىق سالاھىيەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن.
گەرچە يۇقىرىقى ئادۋوكاتلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئادۋوكاتلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى قاتارلىقلار، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولار ھەققىدە چىقارغان بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلارغا بىۋاسىتە چېتىشلىق بولمىسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ، بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىك قاتارلىق "سەزگۈر دېلولار" كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىگە چۈشىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا چۈشۈرگەن بۇيرۇقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەتنىڭ قانۇندىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش شتابى نيۇ - يورك شەھىرىگە جايلاشقان "جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇق" ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى شارون ھوم، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" بۇنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېيەلمەيمىز. قانۇن بىلەن باشقۇرغاندا پارتىيە ۋە رەھبەرلەر قانۇندىن ئۈستۈن تۇرماسلىقى كېرەك. سوتخانىدا سەزگۈر مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان دېلولار ھۆكۈمىنىڭ قانداق بولۇشىنى سودىيىگە بۇيرۇيدىغان سىياسىي كومىتېت بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر قانۇننى قوغدىغۇچلار ۋە ئادۋوكاتلار قولغا ئېلىنسا، تۈرمىگە تاشلانسا، ھاياتى خەۋپكە، تەھدىتكە ئۇچرىسا ھەمدە ئادۋوكاتلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرى تارتىۋېلىنسا، بۇنى قانداق قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دەپ ئاتىغىلى بولىدۇ."
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىغا چېتىلغان 2 مىڭغا يېقىن ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ھەمدە بۇلارغا ئالاقىدار كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق جازالار بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۈرۈمچى نامايىشى ۋە ئۇندىن كېيىن تۇتۇلغان ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 10 مىڭىدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
يۇقىرىقىسى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمىنىڭ 20 - ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا بەرگەن بايانلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ بۇ يىغىندا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۈرۈمچى مەسىلىسى، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى.
شارون ھوم خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولار توغرىسىدا ئادۋوكاتلارغا چۈشۈرگەن كۆرسەتمىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مەسىلىنىڭ يەنىلا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇخبىرغا : "سىز ئوتتۇرىغا قويغان يېقىنقى ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەش ئەندىزىسىنىڭ بىر قىسمى. گەپنىڭ نېگىزىنى ئېيتساق، قانۇن قوغدىغۇچىلىرى ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار باستۇرۇلسا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچىلىقى بولسۇن" دېدى.
ئۇنداقتا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قارا - قويۇق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتى قانداق قوغدىلىنىدۇ؟ بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى بارمۇ - يوق؟ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟ كېلەر قېتىمقى پروگراممىمىزدا يۇقىرىقى تېمىلاردا توختىلىمىز.