خىتاي قىزغا ئۆيلەنگەن ئۇيغۇر يىگىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆيلەنگەن ئۇيغۇر يىگىتنى مەقسەتلىك ۋە گەۋدىلىك ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسى قىلىپ تەشۋىق قىلىشى ئۇيغۇرلاردا تەئەججۈپلۈك ۋە نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ باشلىق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى، ئۆتكەن ھەپتە خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كۇيا يېزا ئاچچىق ئوي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابلەھەتنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئالاھىدە ھال سورىغان. شۇنداقلا جۇ يۇڭكاڭ ئابلەھەتنى «ھەر مىللەت كىشىلىرى چوڭ ئائىلە كىشىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئىدىيىسىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى» دەپ ماختىغان.

بۇنىڭ بىلەن ھازىر ئابلەھەت ئائىلىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق نەمۇنىسى سۈپىتىدە خىتاي ئاخباراتلىرىدا تەشۋىق قىلىنماقتا.

ئۇنداقتا بۇ چەت يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابلەھەت كىم؟ مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇنى نېمىشقا ئالاھىدە يوقلايدۇ؟

خىتاي تەشۋىقات مەنبەلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئابلەھەت 2002-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلغان ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ۋۇخەندە نىمكەش ئىشلەش جەريانىدا خۇبېيلىق خىتاي قىزى چېن شاۋمېي بىلەن تونۇشۇپ شۇ يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەن. ئابلەھەت ۋە بۇ خۇبېيلىق قىزنىڭ نىكاھى ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋىرى تۇنجى بولۇپ تەڭرىتاغ تورىدا 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىدىكى مەزكۇر خەۋەرگە «خۇبېيغا بېرىپ نىكاھتىن تەلىيى چىققان شىنجاڭلىق يىگىت» دەپ تېما قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىزمەت ۋە پۇل تېپىپلا قالماي، ئابلەھەتكە ئوخشاش تەلىيى كېلىپ بەختىنى ئىزدەپ تېپىۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئابلەت چېن شاۋمېينى يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چېن شاۋمېينى يېزىدىكى قوش تىل مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە مەزكۇر يېزىدىن خىتاي ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچى يۆتكەشكە مەسئۇل سېكرېتارلىققا قويۇلغان. ھازىر ئۇلار ئىككى پەرزەنتلىك بولغان.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلەھەتنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىشىنىڭ مەقسىتى ۋە بۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى شۇنداقلا، ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەپ سىياسىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۇيا يېزىلىق پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، بىر ئۇيغۇر كادىر خۇبېيلىق خىتاي قىزغا ئۆيلەنگەن ئابلەھەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بۇ بىر ياخشى ئەھۋال» دېدى.

ئابلەھەتنىڭ ئىش ئىزلىرىغا نىسبەتەن، كۇيا يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئايال بولسا، خىتايلار بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار تېخى قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئابلەھەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەيران قالغۇدەك ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسا ئەمەلىيەتتە يېزىدىكى ئامما ئارىسىدا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى، خەلق پەقەت خىتاي بىلەن توي قىلغاندىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئىدىيىسى ياخشى بولغان بولامدۇ دەپ ئەجەپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ نۆۋەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خىزمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ كۇيا يېزىسىدىكى ئابلەھەت ۋە چېن شاۋمېينى زىيارەت قىلىشى بىلەن ئۇلار توغرىسىدىكى تەشۋىقات قايتا كۈچەيگەن.

خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ بۇ نۆۋەت ئابلەھەت ئائىلىسىنى ئاخباراتتا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات نۇتقى بەرگەن بولۇپ «خۇبېي ۋە شىنجاڭنى باغلىغان بۇ بەختلىك ئائىلە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۆرنىكى، بۇ، مەيلى شىنجاڭدىكى 13 ئاز سانلىق مىللەت بولسۇن، جۇڭگودىكى 56 مىللەت بولسۇن، ھەممىسىنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت بىر چوڭ ئىناق ئائىلىدىكى قېرىنداشلار ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدىلا سەن-مەن دەپ ئايرىشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى، قەلبىنىڭ مەڭگۈ تۇتاشلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ مەمنۇنلۇق بىلدۈرگەن. شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئائىلىسى ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پاراۋانلىق يارىتىش كۆك خەرىتىسىنى سىزىشنىڭ ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتكەن.

دۇڭنەن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن شاۋمېي ئابلەھەتكە تەگكەندىن كېيىن قاراقاشقا كېلىپ ئۆزىگە ئانارگۈل دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان، خەۋەردە «چېن شاۋمېينىڭ تۈرتكىسىدە ھازىر خىتاي ئۆلكىلەردىن بۇ يېزىغا كېلىپ تۇرمۇش قۇرغان خىتاي قىزلىرى 18 يەتتى» دېيىلگەن.