4-مارت كۈنىYouTube تور بېكىتىگە يوللانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كالتەك كۆتۈرۈپ تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدە، بىر نەپەر خىتاي ئەسكىرىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىلدىن ئەتراپتىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش تىپتىكى كالتەكلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈش ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يوتۇب تور بېكىتىگە قويۇلغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى تىنچلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇشقا سەۋەب كۆرسىتىش، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى بۇراش مەقسىتىدە ۋەقەنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىش ئۈچۈن پىلانلانغان بىر سۇيىقەستىنىڭ ئىسپاتى دېيىش مۇمكىن ئىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يوتۇب تور بېكىتىدە قويۇلغان بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشكە ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئىدارە، جەمئىيەت، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق جايلاردا خىتاي پۇقرالىرىغا ئۆزىنى قوغداشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەم مۇشۇنداق كالتەكلەرنى تارقاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېسىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 7-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەتلا 5-ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى خەلقئاراغا كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما 7-ئىيۇل كۈنىدىكى خىتايلارنىڭ كالتەك كۆتۈرۈپ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. YouTubeتىكى بۇ كۆرۈنۈش 7-ئىيۇل كۈنىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوللىرىغا كالتەك كۆتۈرۈپ، كوچىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ 7-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىشىدىكى سەۋەبمۇ ئەمەلىيەتتە ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ قولى بارلىقىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورققانلىقى. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم خەلق تەرىپىدىن قوزغالغان تىنچ ھالدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتا، ئاۋۋال بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى خەلق ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇۋېتىپ، ئاندىن قوراللىق كۈچ ئارقىلىق بۇ خىل نامايىشلارنى تېزلىكتە باستۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى تەرەپلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىمۇ ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئۆزى پەيدا قىلغان ئىدى.»
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:« خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ،پۇقرالارنى بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇشى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىلا بار ئىدى. ئەينى چاغدىكى تەرەپلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىمۇ ئاۋۋال ھۆكۈمەت ئۆزى پەيدا قىلىپ، ھەربىيلەر ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق، ۋەقەنى پىلانلىق ھالدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى ھەم مۇددەتسىز قاماق جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالار بىلەن جازالاپ، 7-ئىيۇل خىتايلارنىڭ توقماق كۆتۈرۈپ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 7-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ 7-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئاشكارىلاش ھەققىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
[ https://www.youtube.com/watch?v=McNSRyUjKCcOpens in new window ]