ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق - 11 نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ - 19 قېتىملىق يىغىنىدا " ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى" لايىھىسىگە قارىتا ئىزاھات ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.
بۇ نىزامىنىڭ تەستىقلىنىشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا " تويدىن بۇرۇن ئەيدىز تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش"نىڭ ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
تويدىن بۇرۇن ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى،خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە دائىرىلەرنىڭ توي خەت رەسمىيىتىنى بېجىرىشىدىكى شەرتنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ شەرتكە ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلگەن، شۇنداقلا تېخى بەزى جايلاردا تويدىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈش قالدۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۈنسايىن يامرىشىغا ئەگىشىپ، دائىرىلەر يەنىلا تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئىزچىل يولغا قويۇش شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى مەجبۇرىي شەرت قىلىشنىڭ ئەيدىز جىددىي تارىلىۋاتقان جايلاردىكى، ئەيدىزنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا ئىكەن.
مەزكۇر تەدبىر لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم قوللىغان قۇرۇلتاي ھەيئەت ئەزالىرى،ئەگەر بۇ تەدبىر لايىھىسى تەستىقلىنىپ،يەرلىك قانۇن بولۇپ ئىجرا قىلىنغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، توي قىلىدىغان جۈپلەرنى ھەقسىز ئەيدىز تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق يېڭى نىكاھلانغۇچىلارغا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ھەققىدە ۋاقتىدا تېگىشلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھەمدە مەسلىھەت بېرىلىپ، نىكاھلانغۇچىلار ئوتتۇرسىدا ئەيدىز تارقىلىشنى مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىشقا پايدىلىق دەپ قارىغان.
مەزكۇر " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم داۋالاش نىزامى " لايىھىسىگە يەنە نامرات يېزىلاردىكى نامرات ۋە قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى شۇنداقلا ھامىلدار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى ھەقسىز داۋالاشقا، يۇقۇملىنىشقا قارشى دورا بىلەن تەمىنلەش ۋە داۋالىنىش ھەققىنى مۇۋاپىق كېمەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
بۇ نىڭ ئالدىدا يەنى - 24 ئىيۇل يېپىلغان - 18نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنىدىمۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەت، رايون، تەشكىلات ھەم ھۆكۈمەتلەرنى ئەيدىز بىمارلىرى ھەم يۇقۇمدارلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، بولۇپمۇ ئۇلارغا قارىتا مۇۋاپىق داۋالاش ھەم مۇلازىمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلماقچى بولغان يېڭى تەدبىر يەنى تويدىن بۇرۇن چوقۇم ئەيدىز تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ تەدبىرنىڭ، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە،نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز مەسىلىلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستېتىدىكى تەتقىقاتچى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى:
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
