خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 'مۇقىملىقى' ئۈچۈن جەمئىيەتتىن كەڭ كۆلەمدە ساقچى قوبۇل قىلماقچى

خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى باھانە قىلغان ساقچى ھەم بىخەتەرلىككە مەسئۇل كادىر قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىشنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس يوليورۇقىغا ئاساسەن، دائىرىلەر يەنە جەمئىيەتتىن 1500 نەپەر ئالاھىدە ساقچى خادىم قوبۇل قىلماقچى بولۇپ، تىزىملاش ئىشلىرى 1 - دېكابىر باشلانغان.

0:00 / 0:00

يېڭى قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ ساقچىلار مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئۈچۈن جايلارغا تەقسىم قىلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ساقچى ھەم بىخەتەرلىك خادىملىرىنى كۆپەيتىش ھەم يۆتكەش ئىستراتېگىيىسىنىڭ قانداق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەييارلىغان مەلۇماتىمىز دىققتىڭلاردا بولغاي.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ 2009 - يىللىق جەمئىيەتتىن ساقچى خادىم قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش ئىشلىرى، 1 - دېكابىر رەسمىي باشلانغان. تىزىملاش 5 - دىكابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر كېلەر يىلى 25 - يانۋارغىچە جەمئىي 1500 ئالاھىدە ساقچى خادىمنى قوبۇل قىلىپ بولۇشنى پىلانلىغان.

جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ ساقچى خادىملار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىكەن. بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە كەڭ كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى جەمئىيەتتىن مۇقىملىق قوغداش خادىملىرى، ساقچى ۋە كادىرلارنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى توختاتماي داۋام قىلماقتا.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 5 - ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچىنى تىنجىتىش ئۈچۈن كىرگۈزگەن، قوراللىق خىتاي ساقچى ھەم ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئاشقان.

خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىن يەنە 5000 نەپەر ئالاھىدە ساقچى خادىم ئۈرۈمچىگە مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن يۆتكەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىكى "قارا يىلپىز" ئاتالغان تېررورلۇققا قارشى داڭلىق قوراللىق ئالاھىدە ئەترەت قىسمىنىڭ 400 نەپەر ئالاھىدە ساقچىسىمۇ بېيجىڭدىن جىددىي ھالدا ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.

مەخسۇس بىخەتەرلىك ھەم ساقچى دائىرىلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلىرىدىنمۇ 500 نەپەر كىشى سىياسىي مۇقىملىق خىزمىتى ۋەزىپىسى ئۆتەشكە تەيىنلىنىپ بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ خادىملارنى ۋەزىپىگە بۆلگەندە جەنۇپتىن كەلگەنلەرنى شىمالدىكى ئاساسىي قاتلاملارغا، شىمالدىن قوبۇل قىلىنغانلارنى جەنۇبى ئاساسىي قاتلاملارغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي خەۋەر تورلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئۇلىنىپ يۈز بەرگەن يىڭنە ۋەقەسىدىن كېيىن،ئۈرۈمچىدە خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سىكرېتارى لى جى ۋە يەنە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مەسئۇلىنىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ئىدى.

بۇ ۋەزىپىلەرگە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىققا مەسئۇل بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىگەنلەرنى ئالماشتۇرۇپ قويغان. ئۈرۈمچى ئۆزىدىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىرىلىرى يەنە 5730 نەپەر كادىر، سىياسىي خىزمەت ئىشلىگۈچى قىلىپ تەيىنلىنىپ ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن ئائىلىلەرگە خىزمەت ئىشلەشكە كىرگۈزگەن.

ئۆكتەبىرنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى دائىرىلىرى يەنە 600 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرىي كادىرلارنى سىياسىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوغداش خادىملىرى نامىدا تاللاپ تەربىيىلەپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىگە بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي تەشۋىقات تەربىيىسىنى باشلىۋەتكەن. ھازىرغىچە ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەيىنلىگەن مۇشۇ خىلدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇقىملىق ساقلاش مەخسۇس خادىملىرىنىڭ سانى 1500 گە يەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ‏5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن بۇ خىل مۇقىملىق ئىسىتراتېگىيىسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا بولۇپ، بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈنكى زىيارىتىمىزدە، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىشىغا ئوخشاش ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسىتراتېگىيىسى، ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىكىنى ئاشكارىلايدۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدە بىر ‏- بىرىگىمۇ ئىشەنمەس قىلىپ زىددىيەتكە سېلىشنى مەقسەت قىلغان" دېگەندەك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن سىنتەبىرگە قەدەر، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرگەن ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىست كادىرلارنىڭ سانى 7000 مىڭ نەپەردىن ئاشقان.

ئۆتكەن ئايدا خىتاي مەركىزى كومىتىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يەنە 400 كىشىلىك ئۆمەك ئەۋەتكەن ئىدى.