خىتاي ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشنى جىددىيلەشتۈرۈشكە يۈزلەندى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى ئاخىرلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشكە مەركەزلەشتى.

0:00 / 0:00

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئالدىدا ئىككى خىل تاللاش يولى بار. بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتنى يۇمشۇتۇش، يەنە بىرى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. لېكىن خىتاي "خەق گېزىتى" نىڭ بىر خەۋىرىدە مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئىلىغا سېلىنمىنى جىددى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ستاندارتىنى ئۆستۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئانالىزچىلار بولسا بۇنىڭغا ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولۇشماقتا.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى يېپىلىپ ئۆگۈنى، خىتاي "خەلق گېزىتى" خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشنى جىددى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەزكۇر نەشر ئەپكارىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن بايانات بېرىپ، " ئىجتىمائىي ۋەزىيەت پەقەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندىلا مۇقىملىققا ئېرىشىدۇ"، دېگەن.

ئانالىزچىلار، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ 2006 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان"بۆلگۈنچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ھەل بولمايدۇ" دېگەن سۆزى بىلەن زور سېلىشتۇرما، دەپ كۆرسەتمەكتە. ۋاڭ لېچۈئەن "خەلق گېزىتى"دىكى باياناتىدا يەنە ئىقتىسادى تەرەققىيات ھەل قىلىش چارىسىدۇر.....(بىزنىڭ پەرىزىمىزدە) مۇقىم مۈلۈككە سېلىنىدىغان مەبلەغ جىددى ئاشىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن "خەلق گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىغا زادى قانچىلىك مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ۋە مەبلەغنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كان بايلىقى زاپىسى مول بۇ رايوندىكى مەركەزلىك قايسى ساھەلەرگە سېلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

بەزى ئانالىزچىلار بولسا رايوننىڭ ئىقتىساد، سودا، ئېنېرگىيە، كان بايلىقى ۋە ھوقۇق تەقسىماتىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بەھرىمان قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەيلى ھوقۇق ساھەسىدە ۋە ياكى بايلىقنىڭ تەقسىماتىدا بولسۇن خىتايلارغا بېقىندا ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھوقۇق ۋە بايلىقلار تەقسىماتى پۈتۈنلەي ئادالەتسىز. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى بۇ قاراشتىكى زاتلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېڭى سىياسەت يۈرگۈزمەكچى بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك گۇرۇھىنى تازىلىماي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك گۇرۇھى رايوندا مەسىلە ھەل قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئەمەس، بەلكى مەسىلىنىڭ ئۆزىدۇر.

چېن كۇيدى مۇنداق دەيدۇ": شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان شۇنداقلا ھازىرقى تۈزۈگىلى بولمايدىغان بۇنچىلىك دەرىجىگە بېرىپ قېلىشىدا رايوندىكى ھاكىمىيەت سورىغۇچى گۇرۇھلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۇشى كېرەك. بىر تۈركۈم يېڭى كىشىلەرنى شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىگە ئالماشتۇرۇپ، بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم. چۈنكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر - خەنزۇ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيا دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى".

ۋاڭ لېچۈئەن "خەلق گېزىتى"دىكى باياناتىدا مەبلەغ سېلىشقا دائىر كونكرېت دېتاللار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا چاقىرىلىدىغان "شىنجاڭ" سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىغا زور كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە 2010 - يىلى ئىچىدە مەركەزنىڭ "شىنجاڭ" سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇڭا مۇسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى دىققەت نەزىرى خىتاينىڭ 5 - ئايدىكى "شىنجاڭ" سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى قانداق ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىغا تىكىلمەكتە.

2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت سورىغان 60 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر مىللى توقۇنۇش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 1700 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى دوكلاتلىرىدا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، ئۆلگەن ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىكى ھەرىكىتىنى "ئىرقىي تازىلاش" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

چېن كۇيدﯤ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، باستۇرۇش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى، بۇ مىللى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش پىلانى تۈزۈپ، يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ "رايوندىكى بۇ مەسىلە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. شۇڭا چوقۇم ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قانۇننىڭ روھىغا تايانغان بىر نېگىزلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن رايوندىكى ئەمەلدارلارنى تازىلاش كېرەك. بۇ ۋەقەدە ئەمەلدارلارنىڭ زور مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلارنى تەختتىن ھەيدەپ چۈشۈرۈپ، ئورنىغا ھازىرقى زامان قانۇن ئېڭىغا ئىگە، قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن ئىش بېجىرىدىغان كىشىلەرنى قويۇش لازىم. قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىش، زۆرۈر بولسا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش لازىم" دەپ كۆرسەتتى.

ۋاڭ لېچۈئەن مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سېلىنمىنى كۆپەيتىدىغانلىقىغا دائىر سۆزىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى يېپىلىش مۇراسىمى كۈنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئاپتونوم رايوننىڭ 2009 - يىلقى ئومۇمى باج كىرىمى 8.38 مىليارد يۈئەن ئىكەنلىكى، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا سالغان مالىيە سېلىنمىسى 147 مىليارد يۈئەنگە يەتكەنلىكىنى ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سېخىلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپەيتىپ بەرگەن مالىيە سېلىنمىسى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە ئاجرىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ يەرلىك خەلقنى بەھرىمان قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ 6 - ئەترىتى ۋە 5000 كىشىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى قۇرۇپ چىققان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.