[ ماقالىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىشىOpens in new window ]
ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش ھەم يوقىتىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان. ئاپتور ماقالىدە قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچىلەردە ئۆزى بىۋاسىتە ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ شەھەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېس تۇيغۇلىرىنى يېزىش ئارقىلىق ھەمدە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ بىر غەربلىك مۇخبىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئەينەن ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يورۇتماقچى بولغان. تۆۋەندە ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان بۇ ماقالىنىڭ 1 - قىسمىنى رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن.
ئاپتور پائول موزور ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ، "قەشقەر بۇ قەدىمىي شەھەر مۆجىزىلەرگە تولغان بولۇپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئايۋان سارايلار 400 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مېمارچىلىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قەدىمىي شەھەردىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شاھىتى بولغان بۇ بىباھا گۆھەرنى قانداقتۇر، "يەر تەۋرەشكە چىدىمايدۇ" دېگەندەك باھانىلەر بىلەن چاقماقتا، ۋەيران قىلماقتا.بۇ يەردە نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان ياشاپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىپ، "ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يېڭىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرمەكتە."
ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېلىنغان بۇ بىنا ئۆيلەر ھەققىدە توختىلىپ، شۇنداق يازىدۇ،"تاملىرى نىپىز ياسالغان، سىرلىرى سويۇلۇشقا باشلىغان قاتار - قاتار بىنالاردىن تەركىپ تاپقان، بۇ يېڭى ئولتۇراق رايونى پۈتۈنلەي زامانىۋى ئۇسلۇبتا سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما سۈپىتى ناچار بولغان بۇ بىنالارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇشى ناتايىن،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىپ، بۇ يەرگە ئەكېلىشى،ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇۋېتىش ئۇچۇن ئېلىنغان بىر قەدەم، ھەم ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجە ئاستىغا ئېلىشتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك."
ئاپتور يېڭى ئولتۇراق رايون يىنىدىكى مەرھۇم (ئاپتور بەلكىم بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئېلىشنى خالىمىغان بولسا كېرەك) ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ چېقىلىش ئالدىدىكى ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ،"مەرھۇمنىڭ ئۆيى قارىماققا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى ئۆيلەرنى چىقىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، چاڭ - توزان باسقان ھالەتتە كونا ھەم قاراڭغۇ كۆرۈنەتتى، ئەمما بۇ ئوي ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەسۋىرلىگەندەك يەر تەۋرەشكە چىدامسىز، ناچار ئۆي ئەمەس ئىدى، ئىچى سەل قاراڭغۇ بولغان بۇ ئۆي تولىمۇ سالقىن ھەم راھەت ئىدى. مەرھۇم ئۆز ئۆيىنىڭ خەتەرلىكىدىن ئازراقمۇ ئەنسىرىگەندەك قىلمايتتى. ئىككىمىز ئارىسىدىكى قىسقا سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇ مېنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇستى پۈتۈنلەي يېپىق بولغان ھويلا (ئايۋان دېمەكچى ) ئىچىگە كىرىپ كەلدىم. ئۇ قوش قاناتلىق ياغاچ ئىشىكنى ئېچىپ، مېنى ساراي ئۆيىگە باشلىدى. ئۆي ئىچى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن، تاملارغا ئالتۇن گىرۋەكلىك رامكىلار ئىچىگە ئېلىنغان ھەر خىل رەڭسىز فوتو رەسىملەر ئېسىلغان ئىدى، تامدىكى ئويۇق ئىچىگە قىممەت باھالىق قاچا - قۇچا، لوڭقىلار تىزىلىپ چىرايلىق بېزەلگەن ئىدى. سۇپا ئۈستىگە زىلچا - گىلەملەر، يۇمشاق كۆرپىلەر سېلىنغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا داستىخان سېلىنغان شىرە، يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن، رەڭلىك مەشۇتتا كەشتىلىگەن يۇمىلاق ياستۇقلار ( تەكى دېمەكچى بولسا كېرەك) تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى،تورۇستىكى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلۈپ مېھراب شەكلىدە ياسالغان ۋاساجۇپلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۋولى بولغان ئاي ۋە يۇلتۇزلار نەقىشلەنگەن ئىدى. بۇ كۆرۈنۈش ئىختىيارسىز مەندە سوئال تۇغدۇردى."
ئاپتور ئۆي ئىچىدە مەرھۇم بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىنى مۇنداق يازىدۇ:
"بۇ شەرقىي تۈركىستان " دېدى مەرھۇم بىر رەسىمنى ماڭا كۆرسىتىپ، رەسىمدە 1933 - 1934 - يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى دەپ قارالغان بىر گۇرۇپپا ئادەملەر بار ئىدى. ئۇ يەنە 1989 - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېسىپ كىرگەن تانكىلار ھەم تانكىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان ياشنىڭ رەسىمىنى ۋە باشقا رەسىملەرنى كۆرسەتتى. بىز سۆھبەت جەريانىدا ئۆز - ئارا چۈشىنىشتە قىينالغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇ خىتاي تىلىنى بىر قەدەر ياخشى بىلىدىغان قىزىنى تەرجىمانلىققا چاقىردى، ئەمما بۇ قىز دادىسى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان سۆھبەتتە تەرجىمانلىق قىلغىنىدىن تازا خۇشال ئەمەستەك قىلاتتى. قىزى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەرھۇم ئۆزىنىڭ راۋان بولمىغان خىتاي تىلى بىلەن، "سىلەرنىڭ ئۇ تەرەپتىكى خەلق، غەربلىكلەر بىزنىڭ بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەر تاپتىمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى بىلەمدۇ؟ سىز قايتقاندىن كېيىن بۇ يەردە ئۆز كوزىڭىز بىلەن كۆرگەنلىرىڭىزنى ئۇلارغا ئەينەن دەپ بېرىڭ"دېدى. مەرھۇم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن ئادەم قىرىلىپ كەتتى، ئۆلگەنلەر ۋە ھەم تۇتۇلغانلار 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بىزگە ياخشىلىق قىلغانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىمىز، مېھماندوستلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئەمما بىزگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغا نىسبەتەن قاراپ تۇرمايمىز"، ئۇ بىردەم توختىۋالغاندىن كېيىن،" بىزنىڭ قولىمىزدا بارى ئاشۇ كىچىككىنە خەنجەر ئىكەن، ئەگەر قولىمىزدا قوراللىرىمىز بولغان بولسا، بىز ئۇلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشاتتۇق " ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1000 - دىن 2000 غا قەدەر دېيىشمەكتە ئىدى. مەرھۇم بولسا ئۆزىنىڭ 50 مىڭ دېگەن سانىدا چىڭ تۇراتتى ھەم بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئۇيغۇر ساقچىلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى تەكىتلەيتى."
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، مەرھۇمنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر خەۋەرلەرنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانىنى مۇنداق يازىدۇ. "مەن ئۇنىڭدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەربلىكلەرگە دائىر خەۋەرلەرنى قانداق ئاڭلايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا سىرلىق قاراپ قويۇپ، پول ئاستىغا تىقىپ قويغان رادىئونى كۆرسىتىپ، "مەندە چەتئەللەردىكى خەۋەرنى ئاڭلىيالايدىغان رادىئو بار، مەن ئۇنى ساقچىلاردىن يوشۇرۇپ تىقىپ قويىمەن، مەن كۆپىنچە خەۋەرلەرنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئامېرىكىدىن بېرىدىغان ئۇيغۇرچە پروگراممىسىنى ئاڭلايمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىزگە ئاڭلاتمىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت چەكلەنگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ" دېدى. ئۇ يەنە كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا، "نۇرغۇنلىغان دوستلىرىم قولغا ئېلىنىپ كەتتى، نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قانداق قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ؟ ھازىر بىز ئۈمىدسىز ھالەتتە،" دېدى.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ 1 - بۆلىكىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
"ئايرىلىش ئالدىدا مەرھۇم ماڭا بىر نەچچە پارچە رەسىملەرنى بېرىپ، "بۇ رەسىملەرنى ئوبدان ساقلاڭ، ئۇلارنى كىشىلەرگە كۆرسىتىڭ، ئۇلار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ھەم بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى بىلسۇن." مەن مەرھۇمنىڭ سالقىن ھەم قاراڭغۇ ئۆيىدىن ئايرىلغىنىمدا مۇرەككەپ ھېس - تۇيغۇلار قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. مەرھۇم ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە سۆزلىگەن بىردىن - بىر ئۇيغۇر ئەمەس ئىدى. مەن ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مال ساتقۇچىلار، تاكسى شوپۇرلىرى، ساياھەت يېتەكچىلىرى، ھەتتا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بار ئىدى. ئۇلار ماڭا --- بىر چەتئەللىككە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى."
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا تەيۋەن مۇخبىرى پائۇل موزورنىڭ: "خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن يوقاتماقچى" ناملىق ماقالىسىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى تونۇشتۇردۇق، ماقالىنىڭ داۋامىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك ئاڭلىتىشىمىزدا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمىز.