خىتايلار غۇلجا يېزىلىرىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا دائىر يالغان كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالماقتا

يېقىندا ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغا تۇغقان يوقلاپ بارغان بىر نەپەر قازاق زىيالىسى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە ئائىت كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى مۇخبىرىمىزغا ئىنكاس قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قازاق زىيالىسىنىڭ دېيىشىچە، غۇلجا ئەتراپىدىكى تيانشان ۋە قارىياغاچلىق مازار يېزىلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى يۈزلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بېشىغا سەللە يۆگەپ، قولىغا تاش، كالتەك - توقماقلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى يالغاندىن ياساپ سۈرەتكە ئالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.