ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى : تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش كۈچەيدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2008 ‏ - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىلقى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى 19 ‏ - سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت بۆلۈمىدە دائىرىلەرنىڭ ئايرىم رايونلاردا بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندىكى دىنىي ئەركىنلىك ماددىسىغا قارىماي يەر ئاستى خرىستئان چېركاۋلىرىنى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى چەكلەش ۋە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوكلاتتا، ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمىتىنىڭ ناچارلىقى، بۇ رايونلاردا دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىش، ناماز ئوقۇش، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، دىنىي تەلىم ‏ - تەربىيە ئېلىش، دىنىي كىتابلارنى بېسىش ھوقۇقى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

19 ‏ - سېنتەبىر كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قارىشىنى شەرھىلىگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": دىنىي ئەركىنلىك دۆلىتىمىزنىڭ يادروسىنى تەشكىللەيدۇ. بۇ ھازىرمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ كەلمەكتە. بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان. بۇ باراۋەرلىك بىزنىڭ ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە، دەخلى - تەرۇزسىز ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشىمىزنىڭ كاپالىتى. ھېچقانداق بېسىمغا ئۇچرىماي ياشاش، ئۆزىمىز خالىغان يوللار بىلەن ئىبادەت قىلىش، ئويلاش، پىكىر قىلىش ۋە يىغىلىش بۇ ھوقۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى. بىزنىڭ يېقىندا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسۇلمان مەسلەكداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىپتار بېرىش شەرىپىگە ئىگە بولغانلىقىمىز، ئۇلار بىلەن ئىپتاردا ئورتاقلاشقانلىقىمىز، بۇنىڭ بىر ئۆرنىكى...... دۆلەتلەر قوشنا ئەللەر بىلەن ئەپ ئۆتۈپلا قالماي بەلكى، ئۆزى بىلەنمۇ ئەپ ئۆتۈشى زۆرۈر. بۇ دېگەنلىك ئوخشىماسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە بۇنى قانۇن بىلەن قوغداش دېگەنلىكتۇر".

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىغا ئائىت بۆلۈمىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي تەلىم ‏ - تەربىيە ئېلىشى چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەكتەپلەر ھەر جۈمە كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ 2005 ‏ - يىلى مارتتا دۆلەتنىڭ بالىلارغا دىنىي ساۋات بېرىشنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىماي، لېكىن "شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەرنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى"نىڭ 14 - ماددىسىدا " ئاتا - ئانىلار ياكى قانۇنىي ئىگىدارلار ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك"، دېگەن بەلگىلىمە بارلىقىنى شۇنداقلا بەزى ۋاقىتلاردا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېگەن باھانىلەر بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ": شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى رۇخسەتسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا تۇتقۇن قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ئېلىپ بارماقتا شۇنداقلا ئۇلارغا دۆلەت بىخەتەرلىك جىنايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جازالارنى بەرمەكتە.... لېكىن دائىرىلەر مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان تىنچ ھەرىكەتلەرنى، " قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەتلەرنى تېررورلۇق بىلەن پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن كونكرېت باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش ياكى قانۇنى جازاغا تارتىش ۋەقەلىرىنىڭ سىياسى تەلىپىنى تىنچ يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار، دىنىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ياكى زوراۋان كۈچ قوللانغۇچىلارنىڭ قايسى بىرىگە قارىتىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرمەك تەس".

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلار ئەلچىسى جون خەنفورد، 19‏ - سىېنتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ تىبەت ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بەرگەن جون خەنفورد " بىز ھۆكۈمەتنىڭ لاما تەيىنلەش، لامالارنى تەربىيىلەش ئىشلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز بۇ ئىشلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلكىدىكى ئىشلار ئەمەس، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئىلكىدىكى ئىشلار بولۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمىز. بىز شۇ نەرسىنى ئەسكەرتمەكچى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە پارتىيە كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى چەكلەيدىغان خىتاي كومپارتىيىسى ۋە كومپارتىيە ھۆكۈمىتى دىنىي ئۆلۈمالارنى تەيىنلەش ئىمتىيازىنى قولىغا ئېلىۋالسا بۇ بىر مەنتىقىسىزلىكتۇر" دەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا يەنە، دىنىي ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز باسقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، "ئەسەبىي دىنىي ئۇنسۇرلار" قاتارىدا تۈرمىگە تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، " باشقا ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتى بالىلارنىڭ دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەيدىغان ئېغىر چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بەزى جايلاردا ئاياللار، بالىلار، پارتىيىلىكلەر ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ": ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتى ئوقۇتقۇچىلار، پروفېسسورلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەتتا رامىزان ئېيىدىمۇ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىشىنى چەكلىگەن. بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار مەكتەپلەردە رامىزان ئېيىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، روزا تۇتۇش ۋە دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان".

دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەج سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ھەج چەكلىمىسى قويۇلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ 2007 ‏ - يىلى سۆزلىگەن "يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى مەسىلىلەر ھۆكۈمەتنى ھەج پائالىيىتىنى تىزگىنلەش، قانۇنسىز ھەج تەشكىللىگۈچىلەرگە زەربە بېرىش، تارقاق ھەج قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا قىستىماقتا" دېگەن سۆزىنى ئالاھىدە خاتىرىلەتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس 19‏ - سىېنتەبىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە دىنىي ئەركىنلىكنى ئاكتىپ ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ " قوشما شىتاتلار دۆلىتى دىنىي ئەركىنلىكنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى، پۇقرالار جەمئىيىتىنى ئالغا سۈرۈش ۋە دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا دىنىي ئەنئەنىلەرنى كەمسىتىشنى رەت قىلىدۇ. لېكىن بىز بۇنى باھانە قىلىپ، سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى قوبۇل قىلمايمىز. چۈنكى بۇ جەمئىيەتنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاجىزلاشتۇرىدۇ " دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر خرىستئان مۇرىتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ھەرىكىتى" قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ. دوكلاتتا، ئۇيغۇر خرىستئان مۇرىتى ئوسمان ئىمىننىڭ 2007 ‏ - يىلى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، قەشقەرلىك ئالىم ھىمىتنىڭ " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش" جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، لېكىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 2008 ‏ - يىلى 27 ‏ - مايدا ھىمىتنىڭ دېلوسىنى " دەلىل ‏ - ئىسپات يېتەرسىز" دېگەن سەۋەب بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1999 ‏ - يىلدىن بېرى ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.