بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىلادىيە 1760 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى، مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەشلىرىنى ۋە قۇرغان دۆلەتلىرىنى ناھايىتى ئىخچام ھەم تولۇق بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي، ئىسلامىي مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ناھايىتى ئېنىق شەرھىلىگەن.
بىز كىتاب ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سىراجىدىن ئەزىزىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
كىتابنىڭ تۈزۈلىشى
سىراجىدىن ئەزىزى كىتابنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" مەن دوكتور ئىززۇددىن ۋەردانىنى ياخشى بىلىمەن. ئۇ كىشى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق رىسالىسى ئۈچۈن بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب ئىككى چوڭ بۆلۈمدىن تۈزۈلگەن، 392 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولۇپ، ئاپتور كىتابىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1760 - يىلدىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى، قۇرغان دۆلەتلىرى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى قىسقىچە بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىگە مانجۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان 1760 - يىلىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن 1911 - يىلىغىچە بولغان ئەھۋالىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مانجۇ مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە بۇ يولدا بەرگەن قۇربانلىرىنى يىل ۋە ئايلىرى بىلەن ئېنىق بايان قىلغان. ئاندىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1911 - يىلىدىن 1934 - يىلىغىچە مانجۇلارنىڭ قالدۇق ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن مۇستەقىل ئىدارە قىلىنغانلىق تارىخى، ئۇيغۇر ئېلىدە 1934 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە داۋام قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇزى، 1944 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان جەريانلار، ئاخىرىدا 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ۋەقەلىكلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلىرى، ئىنقىلابلىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ھەرخىل سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان."
كىتابنىڭ مەزمۇنى
سىراجىدىن ئەزىزى يەنە مۇنداق دېدى: " كىتابتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى كىچىك ئاپتونوم ئوبلاستلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى، كوممۇنىست سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئايرىمچىلىقى، ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچۈرۈش دولقۇنى، بېيجىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىكلەر نوپۇسىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرى، يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى، ئادەتلىرىنى ۋە تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلىنى خىتايلاشتۇرۇش سۇيىقەستى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپرەك يەرلەشتۈرۈش چاقىرىقى، تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى قاتارلىق ماۋزۇلار ناھايىتى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بايان قىلىنغاندىن تاشقىرى، تۈركىي ۋە ئىسلامىي مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوت بىلەن سۇغا ئوخشاش قەتئىي بىرلىشەلمەيدىغان خۇسۇسىيەت ۋە ئۆزگىچىلىكلەر شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىيلىكى، ھەرگىزمۇ باشقا مەدەنىيەتلەر زەربىسى بىلەن كۈچىنى يوقىتىپ قويمايدىغانلىقى ۋە مەڭگۈگە شۇنداق ئۆز خۇسۇسىيىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ساقلىغان ھالدا داۋام قىلىدىغانلىقى تارىخىي ئىسپاتلار بىلەن قەيت قىلىنغان. ئاخىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
