'مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى' نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئەھمىيىتى بار؟

خوڭكوڭ، تەيۋەن ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن، خىتاي بېيجىڭدا 'مەركىزى كومىتېت شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى' دېگەن بىر يىغىننى ئېچىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما، خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ يىغىننى خەۋەر قىلمىدى. خىتاي ھازىر مەخپىي تۇتۇۋاتقان بۇ يىغىن ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

يىغىن مەيدانى ئەتراپىدا قوللانغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ناھايىتى سۈرلۈك

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭباۋ' گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى كومىتېت شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى دېگەن يىغىن 5‏ - ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى 'تۇرمۇشنى ياخشىلاش'، 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن بېيجىڭدىكى جىنشى مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان. خىتاي بۇ مېھمانخانىنىڭ ئەتراپىدا قوللانغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ناھايىتى سۈرلۈك. بۇ يىغىن 19‏ - مايغىچە داۋام قىلىدىكەن. يىغىندا 20 نەچچە كۈنلۈك يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشەن ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىدىكەن. بۈگۈن 18 - چېسلا كۈنى بۇ يىغىندا، 19 ئۆلكە - شەھەرنىڭ 'يۆنىلىش بۇيىچە ياردەم بېرىشى' مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. 19‏ - چېسلا كۈنى خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 'ياردەم' دېگەن سۆز 'ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەم بېرىش' دەپ تولۇق ئاتىلاتتى، ئەمما بۇ قېتىم 'يۆنىلىش بۇيىچە ياردەم بېرىش' دېگەن دەپ ئاتالغان.

خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىمۇ 0.3 - 0.6% كىچە بولغان كىرىمىنى 'ياردەم بېرىش' كە يۆتكەيدىكەن

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى ھازىر يېڭى چېگرادا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېڭى چېگراغا (شىنجاڭغا) سالىدىغان مەبلىغىنى كۆپەيتكەننىڭ سىرتىدا، خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىمۇ 0.3 - 0.6% كىچە بولغان كىرىمىنى 'ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن يېڭى چېگراغا يۆتكەيدىكەن.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مەركىزى ھۆكۈمەت 17‏ - ماي كۈنى بېيجىڭدا 'شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى' دېگەن بىر يىغىننى ئاچتى، بۇ، خىتاينىڭ 1949‏ - يىلىدىن كېيىن يېڭى چېگرا توغرىسىدا ئاچقان تۇنجى قېتىملىق يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە 'يېڭى چېگرانى مەڭگۈلۈك مۇقىم قىلىش'نى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۈز مىليارد يۈەن پۇل ئاجراتقان. بۇ جەرياندا خىتاي يېڭى چېگرانى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى غەربكە ماڭغۇزىدىغان رايونغا ئايلاندۇرماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي يېڭى چېگرانىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى رايونلارنى 5 يىلدا سەكرەپ ئىلگىرىلەپ تەرەققى قىلدۇرۇش، 10 يىلدا 'شاۋكاڭ' دېگەن ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىغىندىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان بىرەر ئىپادىنى كۆرۈش قېيىن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم مەخسۇس تېمىدا ئاچقان بۇ يىغىندىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان بىرەر ئىپادىنى كۆرۈش قېيىن.

'شىنجاڭنى10 يىلدا شاۋكاڭ جەمئىيىتىگە يەتكۈزۈش' دېگەن يەنە بىر قۇرۇق شۇئار

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر 'شىنجاڭنى10 يىلدا شاۋكاڭ جەمئىيىتىگە يەتكۈزۈش' دەۋاتقىنى يەنە بىر قۇرۇق شۇئار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.