خىتاي 'شىنجاڭ مەسىلىسى' توغرىسىدا يىغىن چاقىرىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بۇ يىل "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا يىغىن ئېچىشقا تەييارلانماقتا. دائىرىلەر ئالدىنقى كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنتى ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يىغىن ئېچىپ، مەركىزى كومىتېتنىڭ "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدىكى خىزمەت يىغىنىنىڭ تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەشنى تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺷﺎﯞﮔﯘﻩﻥ  ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﯞﻩ "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ.
2009- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺷﺎﯞﮔﯘﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﯞﻩ "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ.

ئانالىزچىلار، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆلەش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمىسە، مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا ئاچقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر يىغىنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە چاقىرىلىدىغان "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدىكى يىغىنىنىڭ تەييارلىقى بولۇپ، يىغىنغا خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار بۆلۈملەر ۋە دۆلەت ئىشلار كابىنتى قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك كومىتېت ۋە مىنىستىرلىقلار، ئۇيغۇر ئىلىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان.
 
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ، يىغىندا مەركەزلىك تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، بىرىنچىسى ، ئۇيغۇر ئىلىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىككىنچىسى "شىنجاڭ"نىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامان ئىسەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

سەيشەنبە كۈنكى يىغىنغا خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىمى ئەزاسى جاۋ يۈڭكاڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، "خەلق گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە جاۋ يۈڭكاڭ مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىشنى قارار قىلىپ، "شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللاش، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامان ئىسەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئىلىغا قانچىلىك مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتدار بولۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئامېرىكىدكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئالاقە - ئۇچۇر ئىشلار مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم تۈمەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، باستۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلالماليدىغانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىسا، بۇ سىياسەت يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، مىللى زىددىيەت چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
              
"خەلق گېزىتى" بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە شىركەتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە جۇڭگو نېفىت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە شىركىتى، شېنخۇئا گۇرۇھى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ شىركەتلەر بولسا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نېفىت، تەبئىي گاز ۋە كان بايلىقىغا مەبلەغ سېلىپ، رايوننىڭ ئېنىرگىيە بايلىقىنى ماناپولىيە قىلىۋالغان شىركەتلەر ئىدى. يىغىندا جاۋ يۈڭكاڭ "دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك" دېگەن.

2009 ‏ - يىلى 7 - ئايدا يۈز بەرگەن "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" خىتاينىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتىگە ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان بىر تەرەپلىمىلىك مىللىي سىياسىتى بۇ توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوبۇلقاسىم تۈمەن ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلاننى يولغا قويۇشىدىكى نىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ يەرلىك ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش نىيىتى بولسا، بۇ پىلاننىڭ ئىزچىلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى  "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلىپ، رايوندا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش، قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە سوتلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقە جەريانىدا ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ھازىرغا قەدەر  "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن 26 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار بولسا ، بۇ سوتلارنى ئادالەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلەپ، جاۋابكارلارنىڭ ھوقۇقى قوغدالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

"شىنجاڭ مەسىلىسى" ھەققىدىكى خىزمەت يىغىنىنىڭ قاچان ئېچلىدىغانلىقىغا دائىر كۈنتەرتىپكە ئائىت كونكرېت مەسىلىلەر بىزگە مەلۇم ئەمەس. جاۋ يۈڭكاڭ يىغىندىكى سۆزىدە، يىغىننىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن زور كۆلەملىك ئۆمەك تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت