خىتاي، دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا بېسىمنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى بىخەتەر ھەم خاتىرجەم كۈتىۋېلىشىدا، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تىنچلىق مەسىلىسى خىتاينىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

0:00 / 0:00

خىتاي بۇ ئىككى رايوننىڭ تىنچ ‏ - مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن، يىللاردىن بۇيان بۇ رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ كېلىۋاتاتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ رايوندا ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى تېزلىكتە كۆپەيتىشكە باشلىدى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان 6 ئاي جەريانىدا " جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش " قا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىغىنى خاتىرجەم كۈتۈۋېلىشقا چاقىرغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق نۇقتا " جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش "، " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش " دەپ تەكىتلىدى ھەم جەمئىيەتتىن تېزلىكتە ساقچى قوبۇل قىلىش ئىشىنى باشلىۋەتتى.

بۇ يىل 2 يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، " شىنجاڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە مۇقىملىق مەسىلىسى " دېگەن ھەم بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى خادىملىرىنى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يەنى 3000 خەلق ۋەكىلى بېيجىڭغا توپلىنىپ يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلنىڭ ئۆزىدە يەنى 2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئىدارە باشلىقلىرىدىن 3080 نەپىرىنى يىغىۋېلىپ، تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىلا 200 دىن ئاشقان.

ئۇندىن باشقا، 2009 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - 19 - كۈنلىرى ئۇيغۇر ئىلىدە ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش ساقچى خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى ئوبلاست، ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدىن 15 ئورۇندا 563 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان، ئىمتىھانغا 40135 ئادەم قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى، مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان چېگرا رايون بويىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، يېزا بازارلىرىغا قارىتا خەلق ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىكەن.

خىتاي ھوكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە تىزلىكتە ساقچى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى كوپەيتىۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئەھۋالغا نىسپەتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئوز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 60 يىللىق ھوكۇمرانلىقى جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى ھېچقاچان بويسۇندۇرالمىغانلىغىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىغە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئاپتونومىيە سىياسىتىنى تاڭالمىغانلىغىنىڭ ئاقىۋىتى، خىتاي ھوكۇمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەم ئەمەسلىكىنى بىلگىنى ئۇچۇن، ھەر ۋاقىت يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن، كۇچىنىڭ بېرىچە ساقچى ئەسكەرلىرىنى كوپەيتىۋاتقانلىغىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تور بەتلىرىدە خىتاي ھۆكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەتتىن كەڭ كولەمدە ساقچى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى چېگرا رايونلىرىدا " خەلق ئەسكەرلىرى"نى تېزلىكتە كوپەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن.

شىنخۇا تورىنىڭ 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر بېرىشىچە، پامىر ئېگىزلىكىدىكى قەشقەر چېگرا قوراللىق ئەترىتى، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۇچۇن 4 - ئاي ئىچىدە تاشقورغان ناھىيىسىدە، خەلق ئەسكەرلىرى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئۇيغۇر، تاجىك، قىرغىز مىللەتلىرىدىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ كۇرسانتلارغا مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە يەنە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئالى تارماق ئەترىتى خوتەن چېرا تاغ ئىچىدىكى پولۇ يېزىسىدا تىبەت خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدىكى رەسىملىك خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە شىزاڭنىڭ ئالى رايونىغا تۇتىشىدىغان، چىرا تاغلىرىدىكى پولۇ تاغ رايونىنىڭ شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئىستراتېگىيىلىك جاي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئوخشاشلا شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ موتگې يېزىسىدىكى كەنت قوغدىغۇچى ئاياللار ئەترىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە بۇ ئاياللار ئەترىتى 2005 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار دەسلەپكى 8 نەپەردىن ھازىر كۆپىيىپ 100 گە يەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ شۇ يېزىنىڭ ئامانلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق ئەسكەرلىرىنى كوپەيتىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىشى، بۇ جايغا مۇقىملىق كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى، بەلكى بۇ رايوندىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋېتىپ، يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر نىڭ خىتايلارغا بولغان نارازىلىغىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ئۆتكۇرلەشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئارزۇ قىلغان ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئەمەس، بەلكى ئەنسىزچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىك ۋەزىيىتى شەكىللىنىدىغانلىغىنى تەكىتلىدى.