ۋيېتنامنىڭ «دېڭىز قانۇنى» ۋە خىتاينىڭ «سانشا شەھىرى»

«بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ۋيېتنام پارلامېنتى بۈگۈن «دېڭىز قانۇنى» ماقۇللاپ، سپراتلي ئاراللىرىنى ۋە پاراسېل ئاراللىرىنى ۋيېتنامنىڭ تېررىتورىيىسى دەپ قانۇنلاشتۇردى. بۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتاي بايانات ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام ئېلان قىلغان «دېڭىز قانۇنى»نى قاتتىق تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ شىشا، جوڭشا، نەنشا ئاراللىرىنى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى دەپ قانۇنلاشتۇرغانلىقى قانۇنسىز ھەرىكەت، خىتاي زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق، ئۇ ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىدى.

0:00 / 0:00


خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ جىجۈن ۋيېتنامنىڭ باش ئەلچىسى نگويەن ۋەننى چاقىرتىپ كېلىپ سۆزلەشتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېيمۇ مۇخبىرلار يىغىنىدا ۋيېتنامغا قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاينىڭ بۈگۈنكى ھەرىكىتى، جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن ئارال ماجىراسى بار فىلىپپىن، مالايشىيا، برونې، تەيۋەن قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ غەزىپىنى قايتىدىن قوزغىدى. جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن ئارال مەسىلىسىدە جىددىي تىركىشىۋاتقان فىلىپپىننىڭ ئوغىسى ئۆرلىدى. فىلىپپىن پرېزىدېنتى بېنىڭگو ئاكىنو III ئۆتكەن ھەپتىدە مەسىلىنى تىنچ سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن تىركىشىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىن قايتۇرۇپ كەتكەن ھەربىي پاراخوتلىرىنى قايتىدىن ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى بۈگۈن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ شىشا، جوڭشا، نەنشا تاقىم ئاراللىرى ئىش بېجىرىش ئورنى دەپ ئاتالغان ئورگاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك سەنشا) ئۈچ قۇم( شەھىرى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا، خىتاينىڭ ساياھەت تارماقلىرى، بۇ سەنشا شەھىرى خىتاي بۇيىچە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەمما نوپۇسى ئەڭ ئاز شەھەر ئىكەنلىكىنى، ئۇ، تۈگىمەس بايلىق بار، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، ھەرخىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى مول، مېۋە ۋە كۆكتاتقا باي ئاراللار ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ ساياھەت ئېلانى چىقىرىپ، كۆچمەن چاقىرىشقا باشلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋيېتنام پارلامېنتى «دېڭىز قانۇنى» ماقۇللاپ، بۇ قانۇندا خونسا ئاراللىرىنى) خەلقئارادا پاراسېل ئاراللىرى، خىتاي شىشا ئاراللىرى دەپ ئاتايدىغان ئاراللارنى( ۋە چونسا ئاراللىرىنى) خەلقئارادا سپراتلي ئاراللىرى، خىتاي نەنشا ئاراللىرى دەپ ئاتايدىغان ئاراللارنى (ۋيېتنامنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دەپ قانۇنلاشتۇرغان ھامان، خىتاي سەنشا شەھىرى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، جەنۇبىي دېڭىزدا داۋاملىشىۋاتقان ئارال ماجىرالىرىنى قايتىدىن جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن ئارال مەسىلىسىدە جىددىي تىركىشىۋاتقان فىلىپپىننىڭمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي بىلەن ئارال ماجىراسى بار برونې، مالايشىيا، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ غەزىپىنى قايتىدىن قوزغىدى.

ۋيېتنام پارلامېنتى ئەزاسى يامجونكو فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، بۈگۈن ماقۇللانغان «دېڭىز قانۇنى» ۋيېتنام ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ، ۋيېتنامنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق مەنپەئەتلىرى بار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىدۇ، بۇ «دېڭىز قانۇنى»دا ۋيېتنام تېررىتورىيىسى دەپ بەلگىلەنگەن ئاراللارنى قوغداش ۋيېتنام ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ جاكارلىدى.

خىتاينىڭ «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى»نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋيېتنام پارلامېنتى6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى «دېڭىز قانۇنى» ماقۇللىغاندىن كېيىنلا، ۋيېتنام ھاۋا قىسىملىرىنىڭ سۇخۇاي 27 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى، ۋيېتنام يېڭىدىن ماقۇللىغان «دېڭىز قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى ئاراللار) خىتاي ئۆزىنىڭ ئۈچ قۇم ئاراللىرى دەپ ئاتاۋاتقان ئاراللار (نىڭ ئۈستىدىن 500 مېتىر پەسلەپ ئۇچۇپ چارلاش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ نېرۋىسىنى قوچىدى. بۇ، ۋيېتنامنىڭ خىتاينى خەتەرلىك يار لېۋىگە قىستىغانلىقى ئىكەن.