ئىسپانىيە ئالىي سوتى، ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىق 8 خىتاي ئەمەلدارىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن سوتقا چاقىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.05
2009.05.05
"بوستۇن يەر شارى گېزىتى"دە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 5 - ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى، ئىسپانىيە دۆلەتلىك ئالىي سوتنىڭ سوتچىسى سانتىياگو پەدراز، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن سوتقا چاقىرغان خىتاي ئەمەلدارلىرى جەمئىي 8 نەپەر بولۇپ، بۇلار خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ليەن گۇاڭليې، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى، گېڭ خۇيچاڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ قاتارلىق ئۈچ مىنىستىر ۋە تىبەت رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چىڭلى، ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى لى دېجۇ، لخاساغا جايلاشقان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قوماندانى تۇڭ گۈيشەن ۋە چېڭدۇ قوراللىق ساقچى قىسىم سىياسىي كومىسسارى جاڭ گۈيخۇا قاتارلىقلاردۇر.
ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتنىڭ، ۋاڭ لېچۈەننى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە سوتقا چاقىرتقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى پەقەت تىبەتتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ۋاڭنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ باش قوماندانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە توختالغان سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى پەقەت ۋاڭ لېچۈەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن ھەر قانداق بىر خىتاي رەھبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل كۆلەمدە ئىنسانىىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۇردى.
سىياسىي كۆزەتچى ئېلشات ئەپەندى ئىلگىرى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئەرز بارسېلوناغا جايلاشقان تىبەتنى قوللاش فوندى جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تىبەت راھىبى ۋاڭچېن تەرىپىدىن 2008 - يىلى 9 - ئىيۇل ئىسپانىيە دۆلەتلىك ئالىي سوتىغا سۇنۇلغان بولۇپ، ئىسپانىيە سوتى بۇ يىل 30 - ئاپرېل مەزكۇر ئەرز ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوت، ئۆز سوتىغا سۇنۇلغان خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلارغا ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلار ۋە يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن گۇۋاھچىلار تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، 5 - ماي سەيشەنبە كۈنى، يۇقىرىقى 8 نەپەر خىتاي رەھبىرىنى ئادالەت ئالدىغا كېلىشكە چاقىرتتى.
يۇقىرىقىسى سىياسىي كۆزەتچى ئېلشات ئەپەندىمنىڭ قاراشلىرى بولۇپ، ئۇ يەنە ئىسپانىيە سوتى ئالغان مەزكۇر قارارنىڭ ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ يەنە، خىتايدەك ھاكىممۇتلەق ۋە مۇستەبىت دۆلەتلەر ئاستىدا ئېزىلگەن خەلقلەر ھوقۇقىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى سوتلارغا ئەرز سۇنۇش ئارقىلىقمۇ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي سوتلار، خەلقئارا قانۇندىكى ئۇنىۋېرىسال سوراق ھوقۇقى پرىنسىپىغا ئاساسەن، تېررورلۇق، تەن جازاسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈستىدىن ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىلدىكى قارار خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئوخشاش رولغا ۋە كۈچكە ئىگە.
ئىسپانىيە سوتى ئىلگىرى، چىلىدا 17 يىل باستۇرۇش ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزگەن چىلى پرېزىدېنتى ئاۋگۇستو پىنوچېت ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزگە قاراپ چىققان ۋە ئۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن پىنوچېت 1996 - يىلى لوندوندا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
ئىسپانىيە سوتىنىڭ يۇقىرىقى 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى سوتقا تارتىش ھۆكۈمىمۇ، خەلقئارا قانۇندىكى ئۇنىۋېرىسال سوراق ھوقۇقى پرىنسىپىغا ئاساسەن چىقىرىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، سوتچى پەدراز مەزكۇر خىتاي رەھبەرلىرىنى ئىسپانىيىگە ئەكەلدۈرۈپ سوراق قىلىشى ياكى خىتاي سوت مەھكىمىلىرىدە سوراق قىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.