بۇ پروفېسسور نۇقتىلىق ھالدا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى "مىللىي توقۇنۇش" دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە قارشى چىققان.
"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى نېمە، دەپ بېكىتىش مەسىلىسى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن خىتاي مۇتەخەسسىس ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك تالاش-تارتىش ۋە مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە
ئۆتكۈزۈپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ مىللىي توقۇنۇش ئەمەسلىكى، بۇنىڭ بىر "ئاممىۋى ۋەقە" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى.
بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ياڭ جوڭدوڭنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلار ياڭ جوڭدوڭنىڭ قارىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ياڭ جوڭدوڭ لوس ئانجىلىستىكى جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىدا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش، دەپ سۈرەتلەشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىشىلەر ئارىسىدىكى كىرىم پەرقىنىڭ ئېگىز - پەسلىكى بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب بولۇپ، بۇ ۋەقە پەقەت جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش جەريانىدىكى بىر ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ۋەقەدىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇ، "مەن قارشى تۇرىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنى نوقۇل مىللىي توقۇنۇش، دەپ تونۇشتۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە پەقەت جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش جەريانىدىكى بىر ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ۋەقە. بىز بۇ ۋەقەنى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت بۇ تارىخ ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدىلا، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى تېخىمۇ توغرا تونۇپ يېتەلەيمىز شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلىنى تاپالايمىز،" دېگەن.
لېكىن ئەنگلىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئەنۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياڭ جوڭدوڭنىڭ قارىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈستىدىن چىقارغان خۇلاسىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ئاممىۋى ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي مەنپەئەتنى قوغداشقا ھەق - ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەزكۇر ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىپ، بۇ ۋەقەنىڭ دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەسلىكى، بۇ ۋەقە چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى "مىللىي بۆلگۈنچىلەر" پىلانلىغان "توپىلاڭ" ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقەنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىشتىن ئىبارەت كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن ياڭ جوڭدوڭنىڭ قارىشىچە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ يۈز بېرىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەبلەرنىڭ بىرى شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ كىرىم پەرقىنىڭ چوڭلۇقىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يېزىلاردا ياشايدىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ كۆپ قىسمى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا مىللىي ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە نىسبەت بېرىش، باج كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خۇسۇسي كارخانىلارنى مىللىي ئىشچى - خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەسىلە ئىجتىمائىي بولۇپ، ھەل قىلىش نىشانى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتىلىشى لازىم. لېكىن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىلىق بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشى ياڭ جوڭدوڭ بىلەن بىردەك ئەمەس.
يىغىندا كالىفورنىيىدىكى پومونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى جرۇ گلادنېي سۆز قىلىپ، ياڭ جوڭدوڭنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جرۇ گلادنېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يېزا بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەمەس، بەلكى بۇ ۋەقە دەل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە توقۇنۇشقان ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان شەھەر ئاھالىلىرىدۇر.
ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، ياڭ جوڭدوڭ ئوتتۇرىغا قويغان توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى "ئىجتىمائىي" دېگەن قاراش شىنجاڭدىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى. ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى دىنىي ۋە سىياسىي بولۇپ، بۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىدۇر.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق چارىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش. ئۇ، "نېگىزلىك نۇقتىدىن ئالغاندا ئەڭ مۇھىمى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە تولۇق ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بېرىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاساسى ھوقۇقىنى قوغداپ، ئاندىن بۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ چەك - چېگرىسىنى بېكىتىش كېرەك. ھەتتا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىمۇ شۇ قاتاردا ئويلىشىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ھەر قايسى رايونلاردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. مانا بۇ ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەر. يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ ئادەت، دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرت. بۇ ھەرقانداق قانۇن چىقارغاندا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك شەرت بولۇشى لازىم" دەيدۇ.
لېكىن چېن كۇيدېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ئورنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش -بولماسلىقى جۇڭگونىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە "شىنجاڭ"نىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئالغاندا بۇ دەماللىققا ھەل بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس.
لېكىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ياڭ جوڭدوڭ "شىنجاڭ"دىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلاردا ئۆز ئارا بىر - بىرىگە قارشى مىللىي ئۆچمەنلىك يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز دېگەندە 6 دەن 5 قىسىم ئۆزلىرىنى "جۇڭگو پۇقراسى" ھېسابلايدىغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار "شىنجاڭ"نى ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدىكەن.
ئەنۋەر توختى بولسا ياڭ جوڭدوڭنىڭ بۇ سۆزلىرىگە باھا بېرىپ، ياڭ جوڭدوڭنىڭ بۇ ئىلمىي نەزەرىيىسى سىياسىي جەھەتتىن خاتالىشىپ كەتمەسلىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ جوڭدوڭ ئۆزىنىڭ بۇ تەتقىقاتىدا خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېزا تەرەققىيات ئورنى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى يۈ جيەنروڭنىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇ يۈ جيەنروڭنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ھەققىدىكى نەزەرىيىسىنى شىنجاڭدىكى ۋەقەگە تەتبىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۈي جيەنروڭ 2009 - يىلى 2 - ئايدا ياپونىيىدە ئىلمىي دوكلات بېرىپ، شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاممىۋى ۋەقەلەردە خەلقنىڭ ماددىي مەنپەئەت تەلىپى ئەكس ئېتىلىدىغانلىقى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ۋەقەلەردەك ھاكىمىيەتنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سىياسىي خاراكتېرلىك ۋەقەلەر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.