خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى 2013‏ - يىلىغىچە تىنچ ئۆتەمدۇ ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندىن كېيىن، گەرچە جىددىيلىك پەيدا قىلغان مەسىلە تېخىچە ھەل قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك پەسەيدى.

0:00 / 0:00

ئەمدى 4 ‏- ئاينىڭ 12 - كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا يادرو قوراللىرى بىخەتەرلىكى بۇيىچە 40 دۆلەت باشلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ ئايرىم سۆزلەشكەندە قانداق كېلىشىم ياكى مۇرەسسە ھاسىل بولىدۇ؟ بۇ ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ 4‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى كېچىدە تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەن ئىدى. ئاقساراي بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى. گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئۆزى تېخى ھەل قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك پەسەيدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر مۇرەسسە بولغان بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ قارىشىچە، ئېھتىمال خىتاينىڭ 'پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغان'لىق مەسىلىسى بىلەن ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى ياسىشىنى چەكلەش ئۈچۈن جازا قوللىنىش مەسىلىسىدە مۇرەسسە بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ھۇجۇم ئۈچۈن بىر قەدەم چېكىنگەن بولۇشى مۇمكىن

ب ب س نىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ 'پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلغانلىق' مەسىلىسىنى بۇ قېتىم تىلغا ئالمىغانلىقى، خىتاي ئۈچۈن بىر بوشلۇق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينى خۇش قىلالىغىنى يوق، بۇ، ئامېرىكىنىڭ قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ئۈچۈن بىر قەدەم چېىكىنگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي بۇ قېتىم ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە دۇنيا قارشى ئالدىغان بىر ھەرىكەت قوللاندى

ئامېرىكىدىكى جوھن خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى لىبېرتالنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە دۇنيا قارشى ئالدىغان بىر ھەرىكەت قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئەمدى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىن چىقىپ كۆپ دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قەدەم قويدى.

كىم كىمگە كۆپ يول قويدى؟

سېنگاپوردا چىقىدىغان 'بىرلەشمە گېزىتى' بايان قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىراننى يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە جازالاش تەكلىپ لايىھىسىگە قوشۇلۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق ۋاشىنگتوندا 12‏ - ئاپرىل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك پەسەيدى.

'بىرلەشمە گېزىتى'دە كىم كىمگە كۆپ يول قويغانلىق مەسىلىسىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ئاقساراي ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىشتىن سەل بۇرۇنلا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 'خىتاينىڭ پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغان دۆلەت' ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى15 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىشى ئۈچۈن بىر تىنچ بوشلۇق يارىتىلدى.

ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك پەسەيمىگەن ۋاقىتتا، خۇ جىنتاۋ خەلقئارا يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا ئۆزى قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان. چۈنكى بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋېدىف باش رولدا بولىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشتا يادرو قوراللىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش مۇھىم تېما قىلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراننى يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە جازالاش قارارىنى قوللاپ، دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇشقا تۆلەيدىغان بەدەل بىر قېيىن مەسىلە. چۈنكى ئىران خىتايغا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ئۈچىنچى چوڭ دۆلەت، دۇنيانىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىراننى قۇربان قىلسا، خىتاينىڭ نېفىت ئىمپورت قىلىشىغا تەسىر يېتىدىغانلىقى تۇرغان گەپ. بۇ مەسىلىدە خۇ جىنتاۋ، ئاخىرقى ھېسابتا، دۇنيادا 'تىنچلىقپەرۋەر' دېگەن ئوبرازغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىراننى جازالاش لايىھىسىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغان مەسىلە، يەنى خىتاينىڭ 'پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغانلىق' مەسىلىسىدە، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا 4‏ - ئاي ئىچىدە چوڭ ئېلىشىش بولاتتى. 5 ‏- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەتمۇ خىتاينىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئىدى. بۇ مەسىلە ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمما 'پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغانلىق' مەسىلىسى دېگەن مەسىلە تېخى ھەل قىلىنمىدى. بۇ قېتىم بۇ مەسىلىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى پەقەت خىتاي ئۈچۈن بىر بوشلۇق ياراتتى. بۇ خۇددى ئوبامانىڭ بۇلتۇر بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش تىن بۇرۇن دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەي تۇرغانلىقىغا ئوخشايدۇ.

خىتاي ئەمدى ئامېرىكىغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ يولىنى توغرىلامدۇ؟

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'ئازادلىق گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ئوباما بۇلتۇر خىتايغا يېقىنچىلىق ئىپادىلەپ، ھەتتا دالاي مالا بىلەن كۆرۈشمەي، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتىنىمۇ ئۆزگەرتىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇنى كۆزگە ئىلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ گېپى بارغانسېرى چوڭلاپ كەتتى. ئەمما بۇ يىل ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان جىددىيلىكتە خىتاي قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

بۇ گېزىتنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2013‏ - يىلى ئاخىرلاشقىچە خىتايدا ھوقۇق ئۆتكۈزۈش بولىدىغان مۇشۇ يىللاردا خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى تىنچ ئۆتمەيدۇ. ھازىر خىتاي تېخىچە ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ يادروسى بولغان تەيۋەن ۋە ئاپتونوم رايونلار مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە بولسا، خەلق دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان گوگۇل يوق، ئىنتېرنېت يوق، يۇتۇپ يوق، خەلقنىڭ خۇ -ۋېن ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزىپى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۇ قېتىم خىتاي ئامېرىكىغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا قاراتقان سىياسەت - تەدبىرلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، يولىنى توغرىلامدۇ ياكى دۇنيانىڭ سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇدىغان يەنە بىر يېڭى ھەرىكەت قوللانماقچىمۇ؟ بۇ، خۇ جىنتاۋ 12 - ئاپرېلدا ۋاشىنگتونغا كەلگەندە مەلۇم بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.