خىتايدا غەربكە قارشىلىق خاھىشى ئېشىپ بارماقتا

يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ كەلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە مەسىلىسى ۋە ياكى گوگولغا ئوخشاش بىر قاتار تاشقى سىياسەتكە باغلىق مەسىلىلەردە غەرب بىلەن زىتلىشىشى شۇنىڭدەك يەنە خىتاينىڭ دىپلوماتىك مەسىلىلەردىكى گەپ - سۆزلىرىنىڭ قوپاللىقى، كۆرەڭلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ قارىشىچە خىتايدا ھازىر خىتاي مىللەتچىلىكى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە غەرب ئەللىرىگە بولغان قارشىلىقمۇ كۈچەيمەكتە، بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىڭ ھۆكۈمەت قاتلاملىرىدىن تارتىپ تاكى ئاۋام خەلق ئارىسىغىچە كەڭ تارقالماقتا. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا نەشىردىن چىققان " خىتاي خوشال ئەمەس"، " جوڭگونىڭ چۈشى" قاتارلىق خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە قارشىلىق خاھىشى تەرغىپ قىلىنغان كىتابلارمۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كەڭ بازار تاپماقتا.

ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋاللار ئامېرىكىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ھەرخىل ئانالىزلار ئېلان قىلىنماقتا. بۈگۈن "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جون پومفرەت "قۇدرەت تاپقان خىتاينىڭ غەربكە قارشى سىياسەت ۋە كۆز قاراشلىرى" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالىدە خىتايدا غەربكە قارشىلىق خاھىشىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ پەقەتلا ھۆكۈمەت بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن ھەتتا ئاۋام خەلق ئارىسىدىمۇ مەۋجۇتلۇقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان سىياسەتتە بارغانسېرى قاتتىقلىشىش، قوپاللىشىش بىلەن بىرلىكتە ئىچكى جەھەتتە ئىنتېرنېت ۋە ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى ئىسلاھاتتىن ۋە غەرب بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بارغانسېرى يىراقلاشماقتا.

ئاپتور جون پومفرەت خىتايدىكى غەربكە دۈشمەن نەزىرى بىلەن قاراش خاھىشىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ قوپاللىشىپ، كىلىمات مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە غەرب بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپ - سۆزلەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىپ، " نېمىشقا بەزى كىشىلەر ھە دېسە خىتايدىن قۇسۇر چىقىرىپلا تۇرىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئاپتور خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزى "خىتايدا بارلىققا كېلىۋاتقان غەربكە بولغان كۆز قاراشلارغا مىسال بولالايدۇ" دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى خىتايغا قۇرۇلغان بىر توزاقتەك كۆرىدىكەن.

بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئانالىزلاردا كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا "ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ئەركىنلىك ئەكىلىش" كە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، مۇشۇ خىل كۆز قاراشقا ئاساسەن سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قۇدرەت تاپقۇزغانلىقى ۋە ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ ئەركىنلىشىشى تۈگۈل، تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىنىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق تېخىمۇ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن بۇ سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، شۇڭا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى بىر سىياسەت بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتايدا كۈچىيىۋاتقان مىللەتچىلىكنىڭ خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىقلارغا ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

بۈگۈن "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئاپتورمۇ خىتايدا يۈكسىلىۋاتقان بۇ تار خىتاي مىللەتچىلىكىگە ئالاھىدە دىققىتىنى ئىپادىلەپ، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ شياۋدوڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى تەرغىپ قىلىنغان " خىتاي خوشال ئەمەس" ماۋزۇلۇق كىتابىدىن بەزى جۈملىلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا : "جۇڭگولۇقلار ئەمدى جۇڭگولۇقلىقىدىن نومۇس قىلمايدۇ، خىتاي غەربكە چوقۇنىدىغان دەۋر ئەمدى ئاياغلاشتى. بىز ئۆزىمىزنى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتتىن ئۈستۈن دەپ قاراشقا ھەقلىق" دەپ يېزىلغان ئىدى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئىنتېرنېت شىركىتى گوگۇلنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن 20 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇئا تورى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە " ئەمدى ئۆزىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان ۋاقىت كەلدى" دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوللانغان. بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جازا تەدبىرى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جون پومفرەتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا شەكىللىنىۋاتقان بۇ خىل خاھىش خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا باش كۆتۈرۈۋاتقان بۇ خىل خاھىش ھۆكۈمەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇخىل خاھىشنى تەرغىپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ قارىشىچە، سايلامدا ئورۇن تالىشىدىغانلار خىتاي مىللەتچىلىكى دولقۇنىنى قوزغاش ئارقىلىق ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كوزۇردىن پايدىلانماقتا. ئىككىنچى بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ غەربنىڭ دېموكراتىيىلىشىش شامىلىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. بولۇپمۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن رەڭلىك ئىنقىلابلار ۋە شۇنداقلا 2008 - يىلى تىبەتتە ھەم 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمغا سالدى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوگۇل مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ گوگۇل مەسىلىسىنىمۇ قانداقتۇر ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەيدىغان ۋە ئۇنى يالغۇز قويىدىغان ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى. ئاپتور كەسكىن ئېيتىدۇكى، خىتاينىڭ سىياسىتى غەربكە قارشى تۇرۇشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.