خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى قانداق قوغدىماقچى؟

www.asiasentinel.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى بۇنداق بىر ئېنىق قانۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشى جەريانىدا ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بىر قىسىم تارىخىي، مەدەنىي قۇرۇلۇشلار ئۇقۇشماسلىقتىن چېقىپ تاشلانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ناملاردىكى شەھەر، كوچا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى قوغداش پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم سىياسىتى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىدە قەشقەر، تۇرپان، خوتەن قاتارلىق شەھەر - رايونلاردىكى مەدەنىي مىراسلارنى قوغداشقا يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
قانچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى خارابىلىققا ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ بەلگىلىمە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا نارازىلىق ۋە شۈبھىلەرنى پەيدا قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلمەكچى بولسا، نېمە ئۈچۈن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىپ تاشلايدۇ؟
شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
خىتاينىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىملىرى سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى، خىتاينىڭ تۈپ غەرىزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق تارىخىي، مەدەنىي ئىزلارنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىنى خىتايدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرگە بۆلۈپ بېرىشتىكى تۈپ غەرىزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مىللىي مەدەنىي مىراسلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشى كۈچلۈك جامائەت بېسىمىدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.