بوشۈن تورىنىڭ 7-مايدىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي زىيالىيسى يۇ مىڭشى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭغا «ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» ئارتىلغان. نەنچاڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇ مىڭشى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى جياڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، ھاكىمىيەتكە قارشى قۇتراتقۇلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىدا «كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇپ، جۇڭخۇانى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى. كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك بىزنىڭ تۇغما ھەققىمىز» دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان. بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇنى تۇتالماي، ئۇنىڭ قىز دوستىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يۇ مىڭشى قىز دوستىنى قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

5-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيفىڭ ناھىيىسىدە پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت دانە ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى دانە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى پۇقرالار تەرىپىدىن ئۆرۈپ تاشلانغان. ناھىيە ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى خۇبېينىڭ يۈچېڭ ناھىيىسىدە، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى يۈننەننىڭ چياۋجا ناھىيىسىدە ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۆلۈم ۋەقەلىرى كېلىپ چىققان ئىدى.
بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ئەرزدارلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىپ، ساقچىلار بىلەن بولغان سۈركىلىشلەر كۆپەيگەن. بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان 7-مايدىكى خەۋەردە، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسى بايان قىلىنىپلا قالماي، شاڭخەيدىكى 100 دىن ئارتۇق ئەرزدارنىڭ 4-ماي كۈنى بېيجىڭدىكى چاۋياڭ دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنى يوقلاشقا ئۇرۇنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ تۇرۇۋاتقان دوختۇرخانا ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇنى ھىمايە قىلىش، قوللاش ئۈچۈن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئەرزدارلار ساقچىلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ 6-ماي كۈنى نەق مەيداندىن بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ مۇخبىرنى ساقچى ئاپتوموبىلىغا سولاپ يېرىم سائەت سوراق قىلغان. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى تارقاتماسلىقنى بۇيرۇغان. نەق مەيدان ئەتراپىغا كېلىپ سۈرەتكە ئېلىش ۋە خەۋەر ئىشلەش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سانى 70 كىشىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېن گۇاڭچېڭنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر پۇقرا «چېن گۇاڭچېڭنى ھازىر ئەركىن دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ خالىغان كىشى بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ. خالىغانچە تېلېفون ئۇرالمايدۇ. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. دوستلىرى بىلەنمۇ ئەركىن-ئازادە ئۇچرىشالمايدۇ. ئۇنى يۈزلىگەن ساقچى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن بىخەتەرلىك خادىملىرى قورشاپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىشىغا ھازىرچە قوشۇلغان بىلەن، كېيىن گېپىدىن يېنىۋالىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ۋەدىسىدە تۇرغان ئەمەس» دېگەن.
6-ماي كۈنى بوشۈن تورىدا «جۇڭخۇانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشۋىقاتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئاپتورى چېن يۇڭتيەن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ ئومۇمىي خەلق كۈرىشىگە ئايلىنالمايۋاتقانلىقىنى، جۇڭگولۇقلار مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك شوئارى بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىمىغۇچە، ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماقالىدە، ھازىر خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق، سۆز ئەركىنلىكى تېمىسىدا جار سېلىۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ بولسا مۇقىملىق، ئىناق جەمئىيەت شوئارىنى توۋلاۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەر ئىككى خىل شوئارنىڭ قىلچە رېئال قىممىتى يوقلۇقىنى، خىتايدا ھەقىقىي كىشىلىك ئەركىنلىك بەرپا قىلىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھازىرقى مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن خوشلىشىپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇن بولغان يېڭى بىر سىياسىي تۈزۈلمە بەرپا قىلىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.