خىتاي سىياسىي كېڭەش ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋۇ ۋېي باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.17
Xitay-parlament-wekilliri-turkiye-parlamentida-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 14 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﻰ ﯞﯗ ﯞﯦﻲ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﯞﺯﺍﺕ ﭘﺎﻗﺪﯨﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.aa.com.tr ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تۈركىيە ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۇچرىشىشتا نەۋزات پاقدىل ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا راھەت ھايات بەرپا قىلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نەۋزات پاقدىل ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدۇرغان: "بىز خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى 38 يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۆتۈپ كەتتى. بىزنىڭ تەلىپىمىز ئۇيغۇر رايونىدا راھەت ھايات بەرپا قىلىنىشتىن ئىبارەت. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى بىزنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىمىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق. ئەمما بىز پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز."

تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى خىتاي سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋۇۋېي بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "تۈركىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ تىجارەت شېرىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى. ھازىر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 17 مىليارد دوللار. تىجارەتتە تەڭپۇڭسىزلىق بار، تۈركىيە داۋاملىق ھالدا زىيان تارتىپ كەلمەكتە. بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن خىتايلار تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىشى كېرەك. دۇنياۋى ئىقتىسادىي بۆھران تۈرك بانكىلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى، خىتاي دۆلىتى تۈركىيىدە بانكا قۇرسۇن."

كېيىن خىتاي سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋۇۋېي سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى دۆلەت ئارىسى گەرچە ئۇزاق بولسىمۇ، 2000 يىل بۇرۇن يىپەك يولى ئارقىلىق بىر بىرىگە باغلانغان. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن تۈرك كارىخانىچىلار خىتايدا يەرمەنكىلەر ئېچىپ بىزگە كۆپلەپ مال سېتىشنىڭ يولىنى ئىزدىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا ئوقۇۋاتقان تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي - مائارىپ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئىككى دۆلەت ھەر ساھەدە مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك."

بۇ ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىنخۇئا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى زېڭ جېنفا بىلەن ۋاڭ شىيۆجىڭ يازغان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان.

خىتاي سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋۇۋېي باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى مەمەت ئالى شاھىن بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان "خىتاي - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە پۇرسەتلەر" ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان لى ۋۇۋېي، ئىزمىر ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ۋالى، شەھەر باشلىقلىرى ۋە كارخانىچىلار بىلەنمۇ ئۇچراشقان. بۇ ئۇچرىشىشلاردا نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن تىجارىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شەرت، ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ھەيئەتتىن باشقا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ما جېنگاڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بىلەن بىرلىكتە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىغىندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەن.

ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ يىغىنغا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەردى. در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھەيئەتلىرىنىڭ تۈركىيىگە بۇنداق زىيارەت ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە توختالدى.
        
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 18, 2009 04:27 AM

ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﺩﺩﯨﻼﺭﭼﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻛﻤﯩﺰ؟ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ؟
ﻗﺎﻗﺸﺎﭖ ﻳﯜﺭﯨﯟﻩﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯰﻗﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯬﻣﺪﻯ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.........
ﯰﺯﺍﻕ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﯮﻳﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ..........